ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى تىيانشان مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2025-12-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

لەن فوئەن، چېن شياۋجياڭ، ئاخسان ئىقبال، گانبات جىگجىد، ياڭ يىڭمىڭ سۆز قىلدى

12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى تىيانشان مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: باشلىنىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لەن فوئەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ مۇنبەرگە قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى تىيانشان مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، مۇنبەردە «ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، سېلىنما يوشۇرۇن كۈچىنى جانلاندۇرۇش» باش تېما قىلىندى. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لەن فوئەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ مۇنبەرگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ قاتناشتى.

لەن فوئەن مۇنداق بىلدۈردى: ئوتتۇرا ئاسىيا دۇنيا بويىچە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور رايونلارنىڭ بىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدا تېز ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ يىل 6 - ئايدا 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز باشلىقلار يىغىنىدىكى ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى داۋامىدا ئورتاق تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىمىز كېرەك. يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلەپ بېرىلدى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بىز بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەتراپ تەرەققىياتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە دۇنيانى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىنىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغىمۇ قىممەتلىك مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئېلىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى مۇنبەر ئىقتىساد - سودا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان مۇھىم سۇپا ھازىرلىدى، بۇ، جەزمەن رايوننىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى سىجىل جارى قىلدۇرۇلدى، تەرەققىيات مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، مىسلىسىز پۇرسەتنى كۈتۈۋالماقتا. بىز «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى رامكىسىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

پاكىستان يىرىك پىلان، تەرەققىيات ۋە ئالاھىدە تەشەببۇس مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئاخسان ئىقبال سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قايتا ئۇرغۇتتى، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى بەلگە خاراكتېرلىك تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى، بۇ، نىشان ئېنىق، ئېتىقاد مۇستەھكەم بولغاندىلا، رايون ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. پاكىستان ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلاندا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

موڭغۇلىيە دۆلىتى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى گانبات جىگجىد سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى تىيانشان مۇنبىرى رايونلارنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى پايدىلىق پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. موڭغۇلىيە دۆلىتى رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ يىڭمىڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رايون تەرەققىياتىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىش، ئۇزاق مەزگىللىك گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كېڭەيتىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، رايون ھەمكارلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن داۋاملىق مۇلازىمەت قىلىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى چارلىز مۇھەممىدى سالىيېف قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، جۇڭگو ئىمپورت - ئېكسپورت بانكىسى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى، يېڭى تەرەققىيات بانكىسى، كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىق مەركىزى، ياۋروپا - ئاسىيا مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات فوندى، بېيجىڭ داشۆدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى، مۇنبەرنىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

مۇنبەردە، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شۆيۈەنى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيا رايون مالىيە ھەمكارلىقى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيە ئاقىللار ئامبىرى ھەم ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇشقا كۈچ چىقاردى.

مۇنبەر مەزگىلىدە، ھەرقايسى تەرەپلەر يەنە رايون ھەمكارلىق پۇرسىتى ۋە خىرىس، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، رەقەملىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئادەم كۈچى بايلىقىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ سۆھبەتنى قانات يايدۇرىدۇ ھەم تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاقىل مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يۇمىلاق ئۈستەل مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شۆيۈەنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە دۆلەت ئايرىمىسى بويىچە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار مۇنبەرگە قاتناشتى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، جۇڭگو ئىمپورت - ئېكسپورت بانكىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چۇنيىڭ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىدىكى يولداشلار، دۆلەت ئىچىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار مۇنبەرگە قاتناشتى.