چېن شياۋجياڭ ئۈرۈمچىدە ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالدى
ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىش كېرەك
جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئاممىسى ئەرزىيەت مۇلازىمىتى مەركىزىگە كېلىپ، ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىپ، مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو پائالىيەتكە قاتناشتى.
ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىش جەريانىدا، چېن شياۋجياڭ ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئامما ئىنكاس قىلغان ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، مەسىلىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىش جەريانى، بېجىرىلىش سۈرئىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى، چېن شياۋجياڭ كۆپچىلىك بىلەن بىللە ھەل قىلىش لايىھەسى ۋە تەدبىرلەرنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلاردىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەل قىلىش ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىزلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنى ئاممىنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئاممىنىڭ مۇۋاپىق ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ھەل قىلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ ئوخشاش تۈردىكى مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.
ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالغاندىن كېيىن، چېن شياۋجياڭ ئەرزىيەت مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئەرزىيەت خىزمىتى كادىرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەرزىيەت خىزمىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، ئىشىك ئالدىغىچە كەلگەن ئاممىۋى خىزمەت. خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى خەلق ئەھۋالىنى ئىگىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىش كېرەك. ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىرنى بىر تەرەپ قىلىش» تەلىپى بويىچە، ئالدىنى ئېلىش، قوبۇل قىلىش، بېجىرىش، نازارەت قىلىش - جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، تەرتىپنى قوغداشتىن ئىبارەت «بەشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش»نى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلار ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىش، تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى مەنبەدىن تۈزەش ۋە بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى تۈگىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ زىددىيەت - ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش، بىخ ھالىتىدە تۈگىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تەشكىللەپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، بىرلەشمە يىغىن ماسلاشتۇرىدىغان، ئەرزىيەت تارماقلىرى تۈرتكە بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىش، قېلىپلىشىش، ئىنچىكىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
قادېن كەبىن پائالىيەتكە قاتناشتى.