مائارىپ، پەن -تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

2025-12-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ شىنجاڭ تېببىي داشۆسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم يېڭىدىن سايلانغان ئاكادېمىكنى يوقلىدى

مائارىپ، پەن -تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى شىنجاڭ تېببىي داشۆسىگە كېلىپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاپتونوم رايوندىن يېڭىدىن سايلانغان جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ھاجىئەكبەر ئەيسانى يوقلىدى.

چېن شياۋجياڭ شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىيات خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىش كۆرگەزمە مەركىزىگە كېلىپ، مەكتەپنىڭ پەن تەتقىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇپ ئەمەلىي قوللىنىش ئۈنۈمىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنى خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىق ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، مۇھىم تېببىي تېمىلارنى سەرخىللاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، داۋالاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېببىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، چېن شياۋجياڭ مەكتەپ بەنزە ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ھاجىئەكبەر ئەيسانى قىزغىن تەبرىكلىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: ئاكادېمىكلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى. شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاكادېمىكلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن تەتقىقات سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ تېببىي دورا - سەھىيە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن شياۋجياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش ۋە ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق تېببىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «تۆتكە يۈزلىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تېببىي پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + داۋالاش - ساقلىق ساقلاش»نىڭ ئەمەلىي قوللىنىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. ئالىي مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پەن - كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى قاتارلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، غەربىي قىسىم بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان، ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى تېببىي داشۆ قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم پائالىيەتكە قاتناشتى.