چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلانغان پەيتتە نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم تۈر قۇرۇلۇشچىلىرىدىن ھال سورىدى
تىرىشىپ بەخت يولى، بېيىش يولى، قەلبداشلىق يولى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا تېخىمۇ زور رولنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك
جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھال سوراشقا قاتناشتى

12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، G0711 ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تىيانشان غالىبىيەت تونېلىغا كېلىپ، قۇرۇلۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن تاشيولنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، خېجىڭ، 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: بەش يىلدىن كۆپرەك بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان G0711 ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تىيانشان غالىبىيەت تونېلىغا كېلىپ، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان خادىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، قۇرۇلۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن تاشيولنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھال سوراشقا قاتناشتى.
تىيانشاننى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلىنىشى شىنجاڭنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشى تارىخىدا مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ تۈر جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كورلا شەھىرىگە ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش ۋاقتىنى يەتتە سائەتتىن 3.5 سائەتكە قىسقارتىپ، جۇڭغار ئويمانلىقى بىلەن تارىم ئويمانلىقىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، شىنجاڭنىڭ رايون ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىنى يارىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 22.13 كىلومېتىر كېلىدىغان تىيانشان غالىبىيەت تونېلى ئېگىز ۋە تىك چوققىلارنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى، «دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تونېلى» بەلگىسى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. رەسمىي قاتناش باشلىنىشتىن بۇرۇن، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز تونېلغا كېلىپ، تونېلنىڭ لايىھەسى، ئىچكى قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشى، تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، قۇرۇلۇش سۈپىتى، بىخەتەرلىك ۋە مۇھىت قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئارقىدىن، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز تونېلنىڭ چىقىش ئېغىزى بۆلىكىگە كېلىپ، قۇرۇلۇشچىلار ۋەكىللىرىنى سەمىمىي يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان بارلىق ئورۇنلار ۋە قۇرۇلۇشقا قاتناشقان خادىملارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، كەڭ قۇرۇلۇشچىلار قەھرىتان سوغۇقتا جەڭ قىلىپ، تومۇز ئىسسىقتا كۈرەش قىلىپ، قۇرۇلۇش قىلىشتىكى بىر قاتار قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قاتمۇقات تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ ئارىسىدىكى تەبىئىي توسۇقنى راۋانلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىغا قولايلىق يارىتىدىغان، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرىدىغان بەخت يولىنى، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىدىغان، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان بېيىش يولىنى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغان قەلبداشلىق يولىنى بەرپا قىلدى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز كۆپچىلىكنىڭ يېڭى بىر يىلدا خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، تېنىنىڭ سالامەت، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
چېن شياۋجياڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا مۇنداق تاپىلىدى: يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى مۇلازىمەت كاپالىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قاتناش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھادىسىلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىنتايىن ناچار ھاۋارايىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق، بىخەتەر، تەرتىپلىك يۈرۈشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق قاتناش يوللىرى بىلەن زىچ جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قاتناش تورىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى توشۇش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بايلىق، مەھسۇلات قاتارلىقلارنىڭ رايون ھالقىپ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە كۈچ قوشۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ھەقىقىي تۈردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلىنىشنى پۇرسەت بىلىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك، ئومۇملۇق خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ قاتناش تۈرلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
قادېن كەبىن، ۋاڭ گاڭ، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ بىڭنەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ھال سوراشقا قاتناشتى.