ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئىشلەمچىلەر بازىرى قۇرۇلۇشى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىغا قاتنىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشنى كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، ئەلا سۈپەتلىك تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى زورايتىش كېرەك. ئىستېمال ساھەسىدىكى نامۇۋاپىق چەكلىمە خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى زور كۈچ بىلەن تۈگىتىپ، ئىشنى ئىجازەتنى قويۇۋېتىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇشتىن قول سېلىپ، تۈرتكە بولۇش دائىرىسى كەڭ، يارقىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بىر تۈركۈم ئىستېمال يېڭى مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىستېمال يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېز يېتىلدۈرۈش كېرەك. كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى كۆپەيتىش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بارلىق چارە - ئاماللار بىلەن ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق ھازىرلاش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق تۈرلۈك تىرانسپورت شەكلىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەشيا ئوبوروتى، ئامباردا ساقلاش ئەسلىھەلىرى ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى زورايتىپ، ئۇنىۋېرسال ئامباردا ساقلاش، تاشيولدا توشۇشنى تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش بويىچە قاچىلاش - چۈشۈرۈش، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت بويىچە رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان سۇپا قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەشيا ئوبوروتىنى رەقەملەشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پورتلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىنى راۋاجلاندۇرۇش بويىچە ئامىل كاپالىتىنى زورايتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنىڭ زورىيىشى ۋە كۈچىيىشىنى قوللاش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىشلەمچىلەر بازىرى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى قاپلىغان، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان، باراۋەر ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان، مۇلازىمىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئىشلەمچىلەر مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدا توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك، خاس يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەمچىلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشلەمچىلەر بازىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئاپتونوم رايوننىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى تۈرىگە كىرگۈزۈپ، ئىشلەمچىلەرنى تېز تىزىملاش، ئىش ئورنىغا تېز سەپلەش، تېز كېلىشىم ئىمزالاش، تېز يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى تەشۋىق قىلىش، قانۇن ياردىمى بېرىش ۋە قانۇن بويىچە ئادەم ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەمچىلەر بازىرىنىڭ تەرتىپىنى رەتكە سېلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىغا قاتنىشىش تۈزۈمىنى ئالغا سىلجىتىش تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پۇل تاپشۇرۇش، ئىشلىتىش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپلەرنى ئەمەلىي قوللىنىش مۇھىتىنى بېيىتىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ مۇلازىمەت تەسىراتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. رەقەم ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، «بىرتۇتاش باشقۇرۇش، تۈرگە ئايرىپ ھېسابلاش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قەرز پۇل تارقىتىش رىتىمىنى جانلىق تەڭشەپ، مەبلەغنىڭ بىخەتەر، تەڭپۇڭ بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دائىملاشقان تارماق ھالقىغان ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ قاتنىشىش ۋە ھەق تاپشۇرۇشقا بولغان بىلىش دەرىجىسى ۋە قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا سۇچىلىق خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.