شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن كېلەر يىلنىڭ باشلىرىغىچە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز 2025 - يىللىق ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەش قىش پەسىللىك ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرغان.
2025 - يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2026 - يىلى باھار بايرىمىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلۇش تۈرلىرى ھەم ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش ئەھۋالى ئاسان ۋە كۆپ كۆرۈلىدىغان باشقا ساھە، كارخانىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھۆكۈمەت، دۆلەت كارخانىلىرى تۈرلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى مەركەزلىك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش قىلمىشىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ، 2025 - يىلىدىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشقا دائىر بارلىق دېلولارنى جەزمەن 2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇرۇن پۈتۈنلەي تۈگىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى خۇشال - خۇرام يۇرتىغا قايتىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، 2026 - يىلى باھار بايرىمىدىن بۇرۇن يېڭىدىن بايقالغان ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرىدۇ.
ھەرىكەت مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش، سۇپىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن سىگنال بېرىش، نەق مەيداننى زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئىش ھەققىنى بېرىش خاتىرىسى ۋە ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرىدۇ. ئەمگەكچى ئىشلىتىپ ئىش ھەققىنى بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ساقلانغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن، مەسئۇل تارماقلارغا قارىتا، تەپتىش قىلىش ئورگانلىرى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش بويىچە تەپتىش تەكلىپى تۈزۈپ تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش ۋە مەنبەدىن تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن، باش ھۆددىگەر ئورۇن تۈر قۇرۇلۇش ئورنىدا زىددىيەتلەرنى مۇرەسسە قىلىش ئىشخانىسى تەسىس قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى، ساھە مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ئەزا ئورۇنلار تېلېفون، تور بېكىتى ۋە كۆزنەك قاتارلىق پاش قىلىش، ئەرز قىلىش ئۇسۇللىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاپ، تۇنجى كۈتۈۋالغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاش قىلىش، ئەرز قىلىش بويىچە ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىشى كېرەك. ئەمگەك - كادىرلار تالاش - تارتىش مۇرەسسە - كېسىم ئاپپاراتلىرى دېلو بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېز كېسىم چىقىرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ دېلو بېجىرىشنى كۈچەيتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى تالاش - تارتىشى دېلولىرىنى ئالدىن قوبۇل قىلىش، تېز مۇرەسسە قىلىپ تېز كېسىم چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئەدلىيە مەمۇرىيىتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تارماقلار قانۇن ياردىمى بېرىش بويىچە «خاتىرجەم قىلىش ھەرىكىتى» قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇقىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشقا دائىر چوڭ، مۇرەككەپ ۋە قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار بىرلىشىپ ئەرز قوبۇل قىلىپ، مۇۋاپىق ھەل قىلىشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئىش ھەققى كاپالەت مەبلىغى، جىددىي ئايلانما مەبلەغ قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا ئىشلىتىپ، بىر قىسىم ئىش ھەققى ياكى ئاساسىي تۇرمۇش پۇلىنى ئالدىن بېرىپ، ئۇلارغا يار - يۆلەك بولۇش كېرەك.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق ھەقىقەتەن تۇتۇپ قالغان، سەۋەبسىز نېسى قالدۇرغانلارغا قارىتا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار بۇنىڭغا مەسئۇلىيەت ئاساسىي گەۋدىسىنى سۈرۈك ئىچىدە بېرىش ياكى ئالدىن قەرزنى ئۈزۈشكە بۇيرۇپ، قاتتىق ھەم تېز سۈرئەتتە مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش جازاسى بېرىشى كېرەك؛ ئىش ھەققىنى بېرىش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشمەسلىك ئەھۋالى مەۋجۇت بولسا، بىردەك دېلونى بىرلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلارغا چېتىلغان بولسا، مەسئۇل تارماقنىڭ ئىزلاپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. گۇڭئەن تارماقلىرى پائال ماسلىشىپ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش ۋە مەركەزلىك چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك، ئەمگەك ھەققىنى بېرىشنى رەت قىلىش جىنايىتىگە چېتىلغان بولسا، جازا ئىجرا قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن - نىزام بويىچە تېز دېلو تۇرغۇزۇپ، تېز تەھقىقلەپ، تېز سوت قىلىپ، تېز ھۆكۈم چىقىرىپ، دېلو بولغان ئىكەن جەزمەن تەكشۈرۈش، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. تەپتىش ئورگانلىرى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئېلىشىغا چېتىشلىق كۈچكە ئىگە ھۆكۈمنى نازارەت قىلىش، ئىجرانى نازارەت قىلىش، ئەرزنى قوللاش قاتارلىقلارغا دائىر دېلولارنى قانۇن بويىچە بېجىرىشى كېرەك. نېسى قالغان ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئۈزۈشنى رەت قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى تېز ئىجرا قىلىشى كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ھەم دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار تۆلەمنى ئالغان ئاساسىي گەۋدىنىڭ تاپشۇرۇۋالغان تۆلەم پۇلنى ئالدى بىلەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېسابتىكى پۇلىنى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە ئىشلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. مۇھىت تازىلىقى، داۋالاش، مەكتەپ قاتارلىق ئاممىۋى ئىشلار مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار تەۋەلىكتىكى ئالاقىدار ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، مەبلەغ غەملەپ، سۈرۈك ئىچىدە ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.