كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ

2025-12-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىن شىجيەن

يىل ئاخىرىدا پىلان تۈزۈلۈپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسى كۈچەيتىلدى. يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا، دىققەت كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ» دېگەن روشەن سىگنال تارقىتىلدى، بۇ، بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلىشىمىزنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. بۇ يىللاردا، تۈركۈم - تۈركۈم كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار پارتىيەگە بولغان ساداقىتى، خەلققە بولغان سەمىمىيىتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىنچى سېپىدە، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا داۋاملىق جان تىكىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، شۇ جايدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، كەنتلەرنى كۈچەيتىپ خەلقنى بېيىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىپ، مۇلازىمەت قىلىپ، جاپاغا چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، نامراتلىق قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى، كەنتلەرنى كۈچەيتىپ خەلقنى بېيىتىش يولى بارغانسېرى كېڭەيتىلدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى بارغانسېرى مۇجەسسەملەندى، ئاساسىي قاتلام جەڭگىۋار قورغىنى بارغانسېرى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇلدى. ھالبۇكى، بىز يەنە شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ھازىر بىر قىسىم يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ ئاساسى ئاجىز، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش يەنىلا بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ رېئال خىرىسلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، يەنىلا بوشاشماي كۈرەش قىلىش زۆرۈر.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا. جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا، بىز كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، باشتىن - ئاخىر ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىرى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.

كۈچەشنىڭ دەل جايىدا بولۇش - بولماسلىقى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر بولۇش - بولماسلىقى، ئەمەلىي بولۇش - بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە ھەرىكەت ھالىتىدە ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتكە ئاساسەن ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، ئومۇمىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، تۈرلۈك زىددىيەت - ماجىرالار ۋە يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى مەنبەدىن تۈگىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ خەلق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك قۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

تىرىشىپ ئىشلىگەنلەر دائىم غەلىبە قازىنىدۇ، ھارماي - تالماي ئىلگىرىلىگەنلەر ھامان نىشانغا يېتىدۇ. كەنتتە تۇرۇۋاتقان كەڭ كادىرلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، خەلققە بەخت يارىتىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش جەزمەن چېگرا رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك پۇختا ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.