ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چېن ۋېيجۈننى ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا چېن ۋېيجۈن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈننى ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرگەنلىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقى، بىر قەدەممۇ توختاپ قالمايدىغانلىقى، يېرىم قەدەممۇ يول قويۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك سىگنال تارقاتتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چېن ۋېيجۈننىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىش مەسىلىسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى «بەشنى يەنىمۇ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش» مۇھىم تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىشى بويىچە قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ئارقىلىق ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى، شۇجىلارنىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»ىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىش مەخسۇس مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.