باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قۇۋۋەت قوشۇش كېرەك

2025-12-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قۇۋۋەت قوشۇش كېرەك

چېن شياۋجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى.

جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىئەن قاتناش داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جېڭ نەننىڭ «پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش − سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تۈرتكىسىدىكى پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى» دېگەن تېمىدا چۈشەندۈرۈش بەردى، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى جەھەتتە پۈتۈن گەۋدە بويىچە سىستېمىلىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيا پەن - تېخنىكا تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە رەقەم دەۋرىدىكى يېڭىلىق يارىتىش يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك پىلانلارنى تۈزۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتە پايدىلىق، بىخەتەر، ئادىل بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى ئەۋزەل بولۇش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتى مول بولۇش ئالاھىدىلىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھېسابلاش ئىقتىدارى ئاساس تىرىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، پۈتۈن مەملىكەتكە تۇتىشىدىغان يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ھېسابلاش ئىقتىدارى تورى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى ئەۋزەللىكىنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىش ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش - ئىقتىدارنى كېڭەيتىش، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، شەھەر باشقۇرۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ساھەلەر بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سىياسەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا رەھبەرلىك قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارغا دائىر چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى بىلىش سەۋىيەسى ۋە قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىلمىي، ئاقىلانە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رېئال مۇمكىنچىلىكنى تولۇق ئويلىشىپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئالاھىدىلىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، ئۆز ئورنىنى دەل جايىدا تېپىپ، پەرقلىق تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىشى كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.