چېن شياۋجياڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز خۇلاسە سۆزى قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز خۇلاسە سۆزى قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەندى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، «بەش جەزمەن»گە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش» نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلەپنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2025 - يىلى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بېرىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى. بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قوللىشى، ياردىمىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولدى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، سىياسەت پايدىسى ۋە تەرەققىيات قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسەلدى. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، مەدەنىيەت ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ئوڭۇشلۇق باشلىنىشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.
يىغىندا شىنجاڭ دۇچ كەلگەن دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتى ۋە ئۆز ئەۋزەل شارائىتى ئىلمىي تەھلىل قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد خىزمىتى بىلەن شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك بولغان دۆلەتنىڭ ماكرولۇق سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، سىجىل تۈردە ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپەيمە مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا سىڭىشىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ سىجىل ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە تۆۋەندىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇش بېكىتىلدى.
بىرىنچى، تۆۋەن چەكنى مەھكەم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر پائال، پۇختا تۈگىتىلىدۇ. مۇقىملىقنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشى ساقلىنىدۇ. ئىقتىساد ساھەسىدىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدى ئېلىنىپ ۋە تۈگىتىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، ھۆكۈمەت قەرز خەۋپ - خەتىرىنىڭ پائال، تەرتىپلىك ئالدى ئېلىنىدۇ ۋە تۈگىتىلىدۇ. ئاممىۋى ساھەنىڭ بىخەتەرلىكى ھەقىقىي قوغدىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق خىزمەتلەر پۇختا ياخشى ئىشلىنىدۇ.
ئىككىنچى، ئىچكى ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش بىرتۇتاش پىلانلىنىدۇ. ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، دۆلەتنىڭ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش پىلانى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. زامانىۋى سودا ئوبوروت سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى تۈر قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىكى سېلىنما سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. شەھەر يېڭىلاش يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىلىدۇ. خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇلىدۇ.
ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىدۇ. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ ئالغا سىلجىتىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى كۈچەيتىلىدۇ. نېفىت - تەبىئىي گاز، قېزىلما بايلىق، كۆمۈر، يېڭى ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق خاس ئەۋزەل كەسىپلەر زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە كەسىپلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈش تېزلىتىلىدۇ. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر يېتىلدۈرۈلۈپ ۋە زورايتىلىپ، كەلگۈسى كەسىپلەر پىلانلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ ۋە كېڭەيتىلىدۇ.
تۆتىنچى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا پائال سىڭىشىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دىكى رىقابەت چوڭقۇر تۈزىتىلىدۇ. تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا دائىر سىياسەت - تەدبىرلەر تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ھۆكۈمەت نېسى قالدۇرغان كارخانىلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇش مەسىلىسى سىجىل ھەل قىلىنىدۇ. ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. مالىيە، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ئالغا سىلجىتىلىدۇ.
بەشىنچى، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتى ئالغا سىلجىتىلىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش سالمىقى زورايتىلىپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق بوشلۇقى سىجىل كېڭەيتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، باشقا چەت ئەل بازارلىرى پائال ئېچىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىش ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىقى كۈچەيتىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.
ئالتىنچى، ماس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە رايونلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بىلەن يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلىپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقى قاتتىق ساقلىنىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى قىلچە بوشاشتۇرۇلماي ياخشى تۇتۇلىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى سىجىل مۇستەھكەملىنىپ، كېڭەيتىلىپ، يېزا - كەنت خاس كەسىپلىرى يېتىلدۈرۈلۈپ ۋە زورايتىلىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكى چىڭ ساقلىنىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ ماس، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىنىدۇ. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يىرىك پىلان لايىھەسى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.
يەتتىنچى، «قوش كاربون»نى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىش تېزلىتىلىدۇ. كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ماس ئالغا سىلجىتىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەپ كاربوننى تۆۋەنلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىدۇ. يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، يېشىل توكتىن پايدىلىنىش كېڭەيتىلىدۇ. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭى ياخشى قىلىنىپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش سىجىل كۈچەيتىلىپ، سۇ بايلىقىنى تېجەش - قوغداش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىكى گىرۋەكنى قاشالاش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملىنىدۇ، ئۆستۈرۈلىدۇ.
سەككىزىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسەت يۆنىلىشى كۈچەيتىلىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇلۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىدۇ. مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلىپ، بىر تۈركۈم ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ۋە قۇرۇلۇپ، يېڭىدىن (كېڭەيتىپ) قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپلەر كۈچەپ ياخشى باشقۇرۇلىدۇ. ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ياشانغانلار، بالىلار مۇلازىمىتى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ياردەم بېرىۋاتقان ۋە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقى ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق نۇقتا ۋە بۆسۈش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى چۆرىدەپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سېلىنمىنى ئاشۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، كۈچەپ جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تىرىشىپ قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشنى چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاشنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بويىچە ئىش بېجىرىپ، پەرقلىق تەكشۈرۈش - باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش كېرەك. تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مالىيە - ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، چىقىرىلغان تەدبىرلەرنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشىگە، ئەمەلىيەتنىڭ ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ياخشى سىياسىي مۇھىت، ئىختىساسلىقلار مۇھىتى، تىجارەت - سودا مۇھىتى، ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش، قىشلىق پار بىلەن تەمىنلەش، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى سەپەرگە چىقىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش سالمىقىنى زورايتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى.
تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئورۇنلىرى، كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.