ئاپتونوم رايون بېيجىڭدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى يۇقىرى قاتلاملىق مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك يىرىك پىلان ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يېتەكلەش كېرەك
چېن شياۋجياڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايون بېيجىڭدا يۇقىرى قاتلاملىق مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈشنى چۆرىدەپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك يىرىك پىلان ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يېتەكلەشكە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا جاڭ شياۋچياڭ، دۇ يىڭ، ياڭ ۋېيمىن، خۇ زۇسەي، جاڭ جيەنخۇا، سۇ ۋېي، شۇ يىنبياۋ، دېڭ مىڭجياڭ، سۈن نىڭخۇي، يەن چىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات ساھەسى ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر نۇقتىلىق ۋەزىپە قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ، توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىش، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ۋە تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا رەقەم ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - تەكلىپلەر يۇقىرى يۈكسەكلىككە ئىگە، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدىنىلگەن، تەھلىلى ئەتراپلىق، تەدبىرلىرى كونكرېت بولۇپ، شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پىكىر يولىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشى، تولۇق قوبۇل قىلىشى كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، ئاساسلىق نىشانى ۋە ئىسىتراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەندى. بۇلتۇر، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىگە زور ئىلھام بەردى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى پىلانلاشتا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پىلانلاشتا بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش - بولماسلىقنى باش ئورۇنغا قويۇپ ئويلىشىش كېرەك. دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دائىر سىياسەت - تەدبىرلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات مۇساپىسىگە كەڭ قاتنىشىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى كۈچەپ جانلاندۇرۇپ، مالىيە، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلار قاتارلىقلارنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يىرىك پىلان لايىھەسى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىرىك پىلاننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزۈش، مەخسۇس يىرىك پىلاننى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، رايون يىرىك پىلانىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، چوڭقۇر گىرەلىشىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، سىستېمىلىق پىلانلاش بىلەن مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، پۇختا بولۇش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، تۈرلۈك تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى، مۇھىم ۋەزىپە، نۇقتىلىق تۈرلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
جاڭ يىڭچۇن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.