ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
چېن شياۋجياڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو خۇلاسە سۆزى قىلدى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگو قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى قانۇن مەدەنىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قانداق يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «12دە چىڭ تۇرۇش»نىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مەيدان، قاراش ۋە ئۇسۇللارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، يەرلىك نىزام، قائىدە سىستېمىسىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتنى قوغداش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق خىزمىتى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىقنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم كاپالەتلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. قانۇنچىللىق ئارقىلىق تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە نامايان قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، قانۇنچىللىق يولىدا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قانۇنچىللىق ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. «دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇقنى قوغداش»قا دائىر قانۇن چىقىرىش تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر يەرلىك نىزاملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. قانۇنچىللىق ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈزۈم ۋە قائىدە ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا قانۇنچىللىق ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسىنى يارىتىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. قانۇنچىللىق ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنچىللىق ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاياللار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ياشانغانلار، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزا قانۇن مۇلازىمىتى بايلىقىنىڭ تەكشى سەپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قانۇن بويىچە تۈزەش كېرەك. قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھوقۇق ئادىللىقى، پۇرسەت ئادىللىقى، قائىدە ئادىللىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان نىزام ۋە تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئادىل قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچلىكنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ھەرمىللەت ئاممىنى ھەربىر قانۇن - تۈزۈم، ھەربىر قانۇن ئىجرا قىلىش قارارى، ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەر، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر، چەت ئەلگە ئالاقىدار ساھەلەرگە دائىر يەرلىك نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى قاتتىق، ئۆلچەملىك، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ھۆكۈم - كېسىمىنىڭ ئادىللىقى، مۇقىملىقى، نوپۇزىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇننى ئاشكارا يۈرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قانۇنچىللىقنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى مەنبەدىن تۈگىتىش، كۆپ خىل تۈگىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەت قانۇنچىللىقنى ئۇلۇغلايدىغان، قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان، پۈتۈمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىللىقنى قوغدايدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. قانۇنچىللىق خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇنچىللىق خىزمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشتىكى چىرىكلىكنى جازالاش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قوللاش، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش خىزمىتى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى قانۇنچىللىق خىزمىتى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىغا، قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.