ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭلىقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى ئىلمىي بېرىش، ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش، ھوقۇقنى قاتتىق تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىك كۆپ يۈزبېرىدىغان، ئاسان يۈزبېرىدىغان نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ئىش ئورۇنلىرىغا چىڭ قادىلىپ، چەكلەش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈم قەپىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، تېخىمۇ پۇختىلاپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى يوقىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى «بەشنى يەنىمۇ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش» مۇھىم تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا ئىستىل قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلىرى»نى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاش، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋاقتىدا دەل جايىدا تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسىي گەۋدە مەسئۇلىيىتى، بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى، «بىر ئىش ئورنى قوش مەسئۇلىيەت»نى قاتلاممۇقاتلام پۇختىلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.