چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز خۇارۇن گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ شياڭمىڭ، باش دىرېكتورى ۋاڭ سۈيجۈن بىلەن كۆرۈشتى

2026-01-09 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئۈرۈمچىدە خۇارۇن (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ شياڭمىڭ، باش دىرېكتورى ۋاڭ سۈيجۈن ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ۋاڭ شياڭمىڭ، ۋاڭ سۈيجۈن ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى، خۇارۇن گۇرۇھىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويدى. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، شىنجاڭنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور. بىز پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز. خۇارۇن گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇشىغا، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشىنى؛ شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشىنى قوللاپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بازارلىرىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى؛ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرەكلىك ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمچانلىقى چوڭ تۈرلەرنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋاڭ شياڭمىڭ شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خۇارۇن گۇرۇھىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، خۇارۇن گۇرۇھى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شەھەر قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكى قاتارلىق ئومۇمىي ساغلاملىق كەسىپلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

قادېن كەبىن، ۋاڭ گاڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.