ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش قاتارلىق خىزمەت ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىن ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى باشقۇرۇشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش «100 كۈنلۈك ھەرىكىتى»، دەپنە ئىشلىرى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە قالايمىقان ئەھۋاللارنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھۆكۈمەتنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەۋرىشىملىكى سىجىل كۈچىيىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەۋقەنى ئەۋزەللىككە قويۇپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى سىجىل زورايتىپ كۆلەم شەكىللەندۈرۈپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىستېمال بوشلۇقىنى باھالاش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ۋولت، زاپاس ساقلاش، ھىدروگېن، فېنالگىن، ئالكوگول بىر گەۋدىلەشكەن تۈر قۇرۇلۇشى ۋە يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، «يېڭى ئېنېرگىيە + كەسىپ» توك ئىشلىتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېلېكتىر تورىغا ئۇلانغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك باھاسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، بىر تۈركۈم يېتەكلەش خاراكتېرلىك، توپلانما خاراكتېرلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرى ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك. 2026 - يىللىق ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپە تىزىملىكىنى ياخشى پىلانلاپ تۈزۈپ، «ئەمەلىي قوللانغىلى بولۇش، قوللىنىدىغان مەيدان بولۇش»قا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ھەرقايسى بۆلەك رايونلار فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، بىيوتېببىي دورا، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت - ساياھەت، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۈرتكىلىك كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2026 - يىلى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى تاماملىنىدىغان يىل. «كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش»تەك ئالدىن كۆرەر ئاڭ، «مىخ قېقىش»تەك ئەمەلىيەتچىل ئىستىل بىلەن، دىققەتنى تۈپ مەنبەلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشانلىق تەدبىر قوللىنىپ، ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكە تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش ئارقىلىق ئۈنۈم يارىتىش كېرەك. خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تىزىملىكىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈزەش ئەندىزىسىنى ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش تىپىغا ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سىستېمىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، كان، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇم، قاتناش - تىرانسپورت، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، دائىملاشقان، تۈجۈپىلەشكەن يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى باشقۇرۇشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش «100 كۈنلۈك ھەرىكىتى»نىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، دىققەتنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى قايتما دورىلارنى ئېلىپ - سېتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مىقداردىن ئاشۇرۇپ دورا يېزىش، تۇغۇت ياردەم پۇلى بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا زەربە بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يادرولۇق ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى چىڭىتىپ، مەسىلە ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت مەبلىغىنى ھىيلە ئىشلىتىپ ئالداپ ئېلىۋېلىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كۈچلۈك بولماسلىق، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە پۈتۈن زەنجىردە زەربە بېرىش كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل دەپنە ئىشلىرى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە قالايمىقانچىلىقلارنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى مۇستەھكەملەش، يۈكسەلدۈرۈش يىلى. دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدىكى يوچۇقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تېپىپ، دەپنە ئىشلىرى ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، بازار قائىدىسىگە ھەم كەسىپتە پاك بولۇش تەلىپىگە خىلاپ بولغان قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك توسۇش كېرەك. كۈندىلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دەپنە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.