چېن شياۋجياڭ 12 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن ۋاقىتنى تەڭشەپ نۆۋەت بىلەن ئالماشقان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تايانچلىرىنى قارشى ئېلىش يىغىنى ھەم تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق تەكىتلىدى
يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 12 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن ۋاقىتنى تەڭشەپ نۆۋەت بىلەن ئالماشقان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تايانچلىرىنى قارشى ئېلىش يىغىنى ھەم تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن ۋاقىتنى تەڭشەپ نۆۋەت بىلەن ئالماشقان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تايانچلىرىنى قارشى ئېلىش يىغىنى ھەم تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار 1 - ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا مايىللىشىشى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ نۇقتىلىق كۈچەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيەسى» «تۆت چوڭ رولى»نى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى تۈزۈم - مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك؛ پائال سۇپا ھازىرلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، تالانتىنى تولۇق نامايان قىلىش، قىممىتىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك؛ پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، تۈرلۈك تەمىنات سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشى كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار تۆھپە قوشۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چوڭقۇر مۇھەببەت يېتىلدۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىنتىزامنى، ئىستىلنى چىڭىتىپ، پاكلىق تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
يىغىندا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى جاڭ گوۋېي، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى لو كۈيلياڭ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىڭتۇەن 3 - شى تۇمشۇق شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش شۆبە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى جو چىڭ سۆز قىلدى.
قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، شۆ بىن، جاڭ ۋېنشېڭ، 11 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرىنىڭ قوماندانلىرى، 12 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن ۋاقىتنى تەڭشەپ نۆۋەت بىلەن ئالماشقان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تايانچلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.