جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

2026-01-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى 2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن 40 كىشى قاتناشتى، 231 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ گاڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2025 - يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى خۇلاسىلەندى، 2026 - يىللىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يولداش تيەن شياڭلى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيلى» تېمىسىدىكى خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

ئومۇمىي يىغىندا 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: سۆزدە ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتۈلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەندى. يولداش لى شى بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، 2026 - يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يولداش چېن شياۋجياڭنىڭ سۆزىدە، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق بىلدۈرۈلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2025 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە كاپالەتلىك قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ يۆنىلىش ۋە ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. سىياسىي نازارەتچىلىكنىڭ كونكرېتلىشىشى، دەل جايىدا بولۇشى، دائىملىشىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆگىنىش - تەربىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، «تۆت خاھىش»نى قاتتىق تۈزىتىشنى دائىملاشتۇرۇپ، يېڭى كەيپىيات، توغرا ئىستىلنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇردى. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا داۋاملىشىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى قاتتىق تۇتۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش بىلەن تولۇق قاپلاشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئەندىزىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە قانۇن - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇردى. «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىلى» ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي سادىقلىقنى مۇستەھكەملەپ، دېلو بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق باشقۇرۇش ۋە سەمىمىي كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، پولات قوشۇننى تېخىمۇ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا تەھلىل قىلدى، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىدا شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى توغرا ھۆكۈمىگە، ۋەزىپە توغرىسىدىكى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»تىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت - فاڭجېنلىرىنىڭ شىنجاڭدا كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي خىزمەت ۋە ئومۇمىيەتنى مەھكەم ئىگىلەپ، كۈچلۈك سىياسىي ئىرادە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تۇتقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەيسەر ئىرادە ۋە غەيرەت بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن توسالغۇلارنى تۈگىتىشى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قىممەت يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەركەزلىك تۈزەش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك؛ قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ سىستېمىلىق قۇرۇلۇشنى مەھكەم ئىگىلەپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چىڭىتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىشى كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2026 - يىلى «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، شۇنداقلا پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىلى ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، كۈچەپ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن سىستېمىنىڭ ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي قوللىنىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش داۋامىدا بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچى، سىياسىي نازارەتچىلىكنىڭ كونكرېتلىشىشى، دەل جايىدا بولۇشى، دائىملىشىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى چىن ئېتىقاد بىلەن ئىشىنىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، تەلەپچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، «يەتتە خىل قىلمىش» مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتىكى لىبېرالىزم، سىياسىي جەھەتتىكى پۇرسەتپەرەسلىك، تەشكىلىي جەھەتتىكى گۇرۇھۋازلىق، خىزمەت جەھەتتىكى تار مەھكىمىچىلىك، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جەھەتتىكى ياخشىچاقلىقنى قاتتىق تۈزىتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇشى ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا سىڭىشىشىنى تېزلىتىش، غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنى تۈگىتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق ۋەزىپە - تەلەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىك تىزىملىكى ۋە ھېسابات دەپتىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاقتىدا ئىزلاپ نازارەت قىلىپ، «15 - بەش يىل»نى ئوڭۇشلۇق باشلاش، قەدەمنى ئوڭۇشلۇق ئېلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىكنى قاتتىق توسۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يەپ - ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش - بېرىش قاتارلىق ئاسان، كۆپ يۈزبېرىدىغان مەسىلىلەرنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش - تەكشۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، تەربىيەلەش نامىدا ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تېز تەكشۈرۈپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىشتەك يېڭى يۈزلىنىشنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە ئۇنى تۈزىتىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇشقا ئاز قالغاندا كۈتۈپ تۇرۇش، قاراپ تۇرۇش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، نۆۋەت ئالماشتۇرغاندىن كېيىن كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىپ سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىماسلىق، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» قىلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىنتىزام، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملىق كۈچەيتىپ، تۆت خاھىشتىن كېلىپ چىققان چىرىكلىكنى تەكشۈرۈش، چىرىكلىكتىن كېلىپ چىققان تۆت خاھىشنى تۈزىتىشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش، ئوخشاش يۆنىلىشتە تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاش، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچى، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچەپ تۈگىتىش كېرەك. جازالاش، چۆچۈتۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرى، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، پۇل مۇئامىلە، مائارىپ، ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، تەرەققىيات رايونى (باغچە رايونى) ۋە خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار بولۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىكنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سودىگەرلەر تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش، ھوقۇق كاپىتالنى قوغداش، كاپىتال سىياسىي ساھەگە سىڭىپ كىرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كۆزلىمە پايدىسى، كېلىشىم تۈزۈپ پاي ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن ئىلكىگە ئېلىش، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى - سودىگەرلەر «ئايلانما ئىشىك»ى قاتارلىق يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»، ياش كادىرلارنىڭ چىرىكلىشىشىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەرنى تەڭ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھوقۇققا چەكلىمە قويۇش مېخانىزمى، ھوقۇقنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «<بىرىنچى باشلىق> ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە جەھەتتە ئاساسنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى تۇتاشتۇرۇش، يۇغۇرۇش يولى ئۈستىدە سىجىل ئىزدىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا تۇتۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەقەملىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك.

بەشىنچى، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەزلىك تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ يىلى ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى باشقۇرۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، «مەكتەپ تامىقى»، دۆلەت ئىلكىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى باشقۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى، كەنت كوللېكتىپ كىرىمىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش مەسىلىسىنى تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ «كىچىك نۇقتىلار»نى تۈزەش تۈرى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى بېجىرىشنى ياخشى تۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقا جايدا قانۇن ئىجرا قىلىش، پايدا قوغلىشىش خاراكتېرىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىشنى چوڭقۇر تۈزەش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي جەڭ مەيدانلىرىنىڭ تۈزەش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ نازارەت قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

ئالتىنچى، سىياسىي كۆزىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلۇققا قاراپ كېڭىيىشى، مەخسۇس بولۇشقا قاراپ كۈچ چىقىرىشى، ئاساسىي قاتلامغا قاراپ ئۇزارتىلىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى رايون خاراكتېرلىك، ساھە خاراكتېرلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ مەخسۇس كۆزىتىش، جانلىق كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتى تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئەندىزىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش بىلەن تولۇق قاپلاشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تۈزىتىش بويىچە كېڭىشىش، باھالاش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق مېخانىزملارنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يەتتىنچى، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىلى ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، «تۆتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان» ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي تەربىيە، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر مۇتلەق سادىق، مۇتلەق ئىشەنچلىك، مۇتلەق پاك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىقتىدار جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش ئارقىلىق نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ بارلىق خادىملارنى تەربىيەلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي جەڭ مەشىقى، ئىش ئارقىلىق تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش ئارقىلىق ئىشەنچ تۇرغۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى، قائىدە، تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. پاكلىق جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش ئارقىلىق ئەخلاق يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ھوقۇقىغا چەكلىمە قويۇش مېخانىزمى ۋە باشقۇرۇش - نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ما يىلېينىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى ئىلگىرى چىقارغان ما يىلېيغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارارى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ھەرىكەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.