پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2026-01-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، ئالاقىدار نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2026 - يىلى «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى بولۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر يولى، ۋەزىپە ۋە سىياسەتلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، پاختىنىڭ ئەۋزەل ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، يېشىل چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مېۋە - كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ بازارلارغا كىرگۈزۈش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، سۇغا قاراپ يەرنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ مىقدارى، سۈپىتى، ئېكولوگىيەسىدىن ئىبارەت «ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىپ» قوغداشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى قەتئىي ياخشى ساقلاپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ شورلۇق يەرلەرنى ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقىنى پۇختا كېڭەيتىش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىستېمالىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ۋاقىت پەرقى ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدە رايون ھالقىپ يۇقىرى پەللىگە تاقاشتۇرماي سودىلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىدىكى كەسىپلىرىدە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى بىلەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى مۇھىت يېتىلدۈرۈش، ئېچىۋېتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلمىي پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈچەپ ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي قوللىنىش مۇھىتىنى كېڭەيتىپ، بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنىڭ بىخەتەر، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئىقتىسادنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىم بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار بولۇپمۇ ئىقتىسادىي تارماقلار فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، تېخىمۇ پائال نەتىجە يارىتىش، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بولۇپمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى «بىرىنچى باشلىق»لار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەش نەتىجىسى ئارقىلىق «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.