شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە جۇڭگو كۆمۈرچىلىك - گېئولوگىيە باش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جيا چۇنچۈ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن جيا چۇنچۈ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكى، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى، جۇڭگو كۆمۈرچىلىك - گېئولوگىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2026 - يىلى «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويدى. شىنجاڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا. شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز كارخانىلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كۆمۈرچىلىك - گېئولوگىيە باش ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى پائال قوللايمىز. جۇڭگو كۆمۈرچىلىك - گېئولوگىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، گېئولوگىيە ئىشلىرى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە ئورتاق كاپالەتلىك قىلىشىنى؛ تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
جيا چۇنچۈ شىنجاڭنىڭ جۇڭگو كۆمۈرچىلىك - گېئولوگىيە باش ئىدارىسىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو كۆمۈرچىلىك - گېئولوگىيە باش ئىدارىسى شىنجاڭ بىلەن كەڭ، چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشىغا كۈچ قوشۇپ، دىققەتنى گېئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كان ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كان بىخەتەرلىكى بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
قادېن كەبىن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.