باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

2026-02-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2026 - يىللىق باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئىلگىرىلەشلەر، يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2026 - يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ۋە تارباغاتاينىڭ «ساۋما قىلىپ كارخانا سۇپىسىغا كىرىش» نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2026 - يىلى «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسلاھاتنى پىلانلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىش؛ «كىچىك دائىرە» ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش؛ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تارباغاتاي تەجرىبىسىنى كۆپەيتىش، قوللىنىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملەشتۈرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. بېجىرىشكە ئىزلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىرقى خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك زىددىيەت - ماجىرالارنى قانۇن بويىچە تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىقتىساد خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.