ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
كۆزىتىش ۋە كەنتلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغاندا ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قويۇق خەلقچىل ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماس ھەمتۈرتكە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، رايون مەركىزىي شەھىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر - بازارلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ - ئىناق كاتتا باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن بىرلىكتە باھار بايرىمىنى كۈتۈۋالغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارنى مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك.
يىغىندا، مەملىكەتلىك جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئومۇمىي تەلەپنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەپ قوغداپ، جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەنتلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي نازارەتچىلىك ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ يېزىلاردا ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرى، كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئەھۋالى، كەنتلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش بويىچە تۈزىتىش ۋە نەتىجىلەردىن پايدىلىنىش ئەھۋالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەنتلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ ۋە ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاساسىي قاتلامغا ئۇزارتىلىشى، ئاممىنىڭ ئەتراپىغا ئۇزارتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 2025 - يىللىق كۆزىتىش خىزمىتى ئەھۋالى ۋە 2026 - يىللىق كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى چىڭ كۆزلەپ، سىياسىي كۆزىتىشنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش نازارەتچىلىكىنىڭ دەل جايىدا بولۇشى ۋە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، كۆزىتىشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلىرى»نى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك كۆزىتىش نازارەتچىلىكى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.