«ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجىلەردە نامايان قىلىش كېرەك

2026-02-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

«ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجىلەردە نامايان قىلىش كېرەك

چېن شياۋجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ گاڭ يازما سۆز تاپشۇردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باھار بايرىمىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشىدە، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يادروغا زىچ ئەگىشىپ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ يېڭى سەھىپە پۈتۈشتىكى يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقى تولۇق نامايان قىلىندى، «15 - بەش يىل»نى ئوڭۇشلۇق باشلاش، قەدەمنى ئوڭۇشلۇق ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قەتئىي ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسى تولۇق نامايان قىلىندى. ھەقىقىي تۈردە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشنى «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى تىرىشىپ گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارىتى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاشقا يېتەكچىلىك قىلدى. يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى مۇھىم سىياسىي پىرىنسىپ قىلىپ قاتتىق ئەمەل قىلىش، تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ ئادا قىلىش، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام قىلىپ رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مەيدان، قاراش، ئۇسۇل، داۋلى، ئىلمىي نەزەرىيە، پەلسەپەۋى قائىدىلەرنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەلىپىنى جايىدا ئۆزلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى كۈچەپ جانلاندۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يىلنىڭ ئىشى باھاردىن باشلىنىدۇ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىش، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىكتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، دىققەتنى پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.