چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستىدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى
پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلىدى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باھار بايرىمىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە، بەختلىك، ئامان - ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى

كاتتا باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باھار بايرىمىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە، بەختلىك، ئامان - ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. سۈرەتتە: 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى جياڭنەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنىڭ بايراملىق مال بازىرىدا ھەر مىللەت ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر\ئاتۇش، 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: كاتتا باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنى تەشكىللەش، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باھار بايرىمىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە، بەختلىك، ئامان - ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
دەل باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش، سەپەرگە چىقىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز قەشقەر لەينىڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، باشقۇرۇش - تىزگىنلەش مەركىزىگە بېرىپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنى تەشكىللەش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. چېن شياۋجياڭ ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى سەمىمىي يوقلىدى، كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر جاپالىق خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ بىخەتەر، قولاي سەپەرگە چىقىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار. تىرانسپورت كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئىللىق، ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئوڭۇشلۇق سەپەرگە چىقىشى، ئۆيىگە تىنچ - ئامان قايتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز تارىم نېفىتلىكى قەشقەر نېفىت - تەبىئىي گاز ساقلاش - توشۇش مەركىزىگە كېلىپ، بايرام مەزگىلىدىكى ئېنېرگىيە كاپالىتى خىزمىتىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە تومۇرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى باشقۇرۇپ - قوغداپ، تەبىئىي گاز بىلەن بىخەتەر، مۇقىم تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى باھار بايرىمىنى ئىللىق ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ جياڭنەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرىدا بايراملىق مال بازىرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى، تۈرلۈك ئۆزگىچە تاۋارلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، چۇنليەن يېزىش، بەخت دېگەن خەتنى سوۋغا قىلىش پائالىيەتلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، نەق مەيدان قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىغا تولغانىدى. چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز زور ئىشتىياق بىلەن باھار بايرىمىلىق مال يايمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. چېن شياۋجياڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا مال مەنبەسىنى تەشكىللەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بايراملىق بازار تەمىناتىنى موللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك، باھاسىنىڭ مۇقىم، سۈپىتىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى.
كوناشەھەر ناھىيەسى ئاياغمەنگەن كەنتىگە كېلىپ، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى سەمىمىي يوقلىدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كەسىپ ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش قاتارلىق خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، كۆپچىلىكنى ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئۇلنى پۇختىلاش، كەنتنى كۈچەيتىپ خەلقنى بېيىتىش، يېزا - كەنتلەرنى ياخشى ئىدارە قىلىشقا سىجىل كۈچەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەشكە ئىلھاملاندۇردى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم قىسمى، ئۇلۇغچات چېگرا باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى ۋە قەشقەر شەھىرى شىنيىفا خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتىغا كېلىپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋە ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، بايرام مەزگىلىدىكى مۇقىملىق خىزمىتى ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، كۆپچىلىكنى تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، چېگرا بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەممە ئائىلىنىڭ جەم بولۇشىنى قوغداشقا ئىلھاملاندۇردى.
چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز مەخسۇس ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە بېرىپ «خەلق نەمۇنىچىسى» بۇرماقان مولدونى يوقلىدى، ئۇنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئاسراشنى، پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۇلۇغلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشىلەردىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەشنى تاپىلىدى؛ ئاتۇش شەھەرلىك مەركىزىي ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ياشانغانلارغا باھار بايرىمىلىق تىلەكلەرنى بىلدۈردى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتتىن ھەقىقىي تۈردە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەپ، ياشانغانلارنى ئىززەتلەپ، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈپ، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ياشانغانلارنى كېيىنكى ئۆمرىنى خاتىرجەم، بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
چېن شياۋجياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلىشى كېرەك. جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن چارلاش، ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك زىددىيەت - ماجىرالارنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە تۈگىتىپ، تىنچ، ئىناق، تەرتىپلىك جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆمۈر، توك، ماي، تەبىئىي گاز، تىرانسپورت تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنى تەشكىللەش، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش سالمىقىنى زورايتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرگە بولغان مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، سېلىنمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، بايرام مەزگىلىدىكى شەھەر - يېزا ئىستېمالىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، قاتناش - تىرانسپورت، پوجاڭزا - ساليۇت، مەدەنىيەت - ساياھەت، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ۋە كۆمۈرلۈك، كان، خەتەرلىك خىمىيەلىك مەھسۇلاتلار، باغچە رايونىدىكى كارخانىلار قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تاقابىل تۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام، تىنچ - ئامان، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
قادېن كەبىن، نيې جۇاڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھال سوراشقا قاتناشتى.