قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2026 - يىللىق <ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات>تىكى نۇقتىلىق خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئىش تەقسىماتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ 2026 - يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويۇش خىزمەت لايىھەسى» قاراپ چىقىلدى، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا بېكىتىلگەن نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونى، ئۆز ساھەسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ۋاسىتە، تۇتقىنى ياخشى پىلانلاپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتتە ئالدىن كۆرەرلىكنى ئاشۇرۇپ، مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ماس ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئىزلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بالدۇر ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەرەققىياتنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار مەبلەغنى بىرىكتۈرۈش ۋە سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، تولۇق ئامىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، پۈتۈن دەۋرىيلىك مۇلازىمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2026 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «دۆلەت تېخىمۇ بىخەتەر، جەمئىيەت تېخىمۇ تىنچ، ئىدارە قىلىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇش، خەلق تېخىمۇ رازى بولۇش» نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ نىزام چىقىرىش تەمىنات سالمىقىنى زورايتىپ، مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپلىرىنىڭ تېخىمۇ قېلىپلىشىشى، تەدبىر بەلگىلەش سۈپىتى، ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈشى، مەمۇرىي ھوقۇقنىڭ قېلىپلىشىپ يۈرگۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانلىق قېلىپلاشقان، قانۇنچىللاشقان يولدا يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. چەت ئەلگە ئالاقىدار سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان قانۇنچىللىق خىزمىتى ئەندىزىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.