چېن شياۋجياڭ باھار بايرىمى مەزگىلىدە نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق قىلىۋاتقان خادىملارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى
ھەم بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئورۇنلاشتۇردىخەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خۇشال - خۇرام، ئىناق، تىنچ - ئامان بايرام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
جاڭ جۇ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ ئۈرۈمچىدە ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، گۇڭئەن خەلق ساقچىلىرى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كەڭ خىزمەتچىلەرگە باھار بايرىمىلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ ئۈرۈمچى رېلىسلىق قاتناشنى ئورۇنلاشتۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدە، مېترودىكى يولۇچىلار ئېقىمىنى تەشكىللەش، ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈشى، تىرانسپورت كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىنى تەپسلىي ئىگىلىمەكتە. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: كاتتا باھار بايرىمىدا تۈمەنلىگەن ئائىلە جەم بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، گۇڭئەن خەلق ساقچىلىرى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن ھال سورىدى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، قاتناش، سەپەرگە چىقىش، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ھال سوراشقا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن سىگنال بېرىش مەركىزىدە، چېن شياۋجياڭ بايراملىق نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق قىلىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار تۇرۇش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئاڭلىدى. ئارقىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابىدا ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى قاتارلىق جايلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇردى. چېن شياۋجياڭ بايرام مەزگىلىدە بىرىنچى سەپتە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن بايراملىق ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋە رەھبەرلەر يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، ئوت مۇداپىئەسى، يېقىلغۇ گاز، كان، تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە چىڭ قادىلىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەپ ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلاش كېرەك.
تىيانشان رايونى خېيجياشەن كوچىسى ساقچىخانىسىدا، چېن شياۋجياڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، خېيجياشەن كوچىسى مۇقىملىقنى قوغداش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، بايراملىق چارلاش - ئالدىنى ئېلىش، ساقچىغا مەلۇم قىلىنغان ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «مەسىلىگە يولۇقسا ساقچىلارنى ئىزدەش» ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ بىرىنچى تاللىشى، ھەر مىللەت گۇڭئەن كادىر - ساقچىلىرى يىل بويى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىنتايىن جاپا چېكىدۇ. جەمئىيەت قاتلىمىدىكى چارلاش، ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك زىددىيەت - ماجىرالارنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە ھەل قىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ ئۈرۈمچى رېلىسلىق قاتناشنى ئورۇنلاشتۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىگە كېلىپ، مېترونىڭ يولۇچىلارنى تەشكىللەش، ئۈسكۈنىلەرنى يۈرۈشتۈرۈش، توشۇش كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: توشۇش كۈچىنى ئىلمىي تەڭشەپ تەقسىملەپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى چىڭىتىپ، ئۈسكۈنىلەرنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، زور مىقداردىكى يولۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ يول يۈرۈشىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى)دىكى بىر پوجاڭزا - ساليۇت بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىدا چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى تارقاتقان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پوجاڭزا - ساليۇت بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن زەنجىرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ - باشقۇرۇپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پوجاڭزا - ساليۇتقا قارىتىلغان «بەشنى قەتئىي چەكلەش، ئۈچ جەزمەن» تەلىپىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك بويىچە تەشۋىق قىلىش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
CCMALL . دەۋر مەيدانىدا، چېن شياۋجياڭ بازار تەمىناتى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ئەھۋالى ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەلەپ قىلدى: مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇشى، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەرلىك ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەش كېرەك؛ باھار بايرىمىلىق ئىستېمال ئاۋات مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستېمال كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، سودا، ساياھەت، تەنتەربىيەنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا بېيجىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغان ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ۋە ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك. جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەل قىلىپ، جەمئىيەت مۇھىتىنىڭ تىنچ، ئىناق، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، دىققەتنى نۇقتىلىق كەسىپ، ساھە ۋە ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە تۈزەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، سۇ، توك، گاز، پار ۋە مۇھىم تاۋارلارنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىللىقلىقنى ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈش كېرەك. نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى يېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام، ئىناق، تىنچ - ئامان ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
قادېن كەبىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.