شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: باھار بايرىمى ھارپىسىدا، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى رەھبىرىي يولداشلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت ھەم ھامىدىن نىياز، ئابدۇرېھىم ھامىت، نەيىم ياسىن، ئەسقەت كەرىمباي، قېيۇم باۋۇدۇن، جاڭ شيۇمىڭ، جۇ خەيلۇن، چېن دېمىن، فۇ چياڭ، خۇا شىفېي، غانىبات سابۇكەي، تيەن ۋېن، شيې فۇپىڭ، خەلچەم ئىسلام، جاڭ خېڭ، مىجىت ناسىر، قادىس جانابىل، ما جيەنگو، دەلىلقان مامىقان، مەمتىمىن زاكىر، ئاسانبېك تۇردى، دۇ چىنرۇي، جاڭ گولياڭ، ئالپىسباي راقىم، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، جاپپار ھەبىبۇللا، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، چيەن جى، نىجات سۇلتان، ئىنام نەسىردىن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، بادەي، ھۆرىگۈل جاپپار، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، لى شۆجۈن، جاۋ چىڭ، سو يۆ، دىيار قۇرماش، فېڭ داجېن، ۋۇ جياخې، ۋاڭ يوۋسەن، يۈسۈپ ئەيسا، شيې جىچياڭ، لى دۇڭخۇي، غوپۇر ئابدۇللا، جاڭ گۇيتىڭ، جاڭ يۈجۇڭ، پاشا ئىشان، ۋۇ دۇنفۇ، شيۇڭ خۇييىن، ياۋ يۇڭفېڭ، جياڭ شەن، جۇ جېنجۇڭ، مەمەتجان ئەمەت، ليۇ ياۋخۇا، قىزايجان سېيىلقوجا، كې لى، مەمەتھەسەن توختالى، ئايۇپ تېيىپ، ماۋكەن سېيىتقامزا، خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، بەي جىجيې، ليۇ جىيۇڭ، رىزۋان ئەبەي، كادىرقان مىراسقان، لى شياڭلىن، ليۇ يەنلياڭ، يۈ شيۇدۇڭ، چېڭ جېنشەن، جاڭ بو، جۈرئەت ئىمىن، مۇتەللىپ ئوبۇل، مەڭلىك سىيىت، ما شيۇڭچېڭ، ماغاۋ سېيىتقامزا، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، پېڭ جيارۇي، چيۇ شۇخۇا، ئىلھام سابىر، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، لى شۇجۈەن، جاڭ لىبو، جۇ جيەنفەن، خۇ جاۋجاڭ، تاڭ يۈنفۇ، ۋاڭ جيەنجېن، كاڭ كېجيەن، مەمتىمىن ئابدۇرېھىم، خۇا شى، جەي شياۋخېڭ، ۋاڭ چۇڭجيۇ، لۈ گاڭ، ۋاڭ جىلياڭ، سۇڭ جيەنيې، لۇ شياۋفېڭ، ليۇ شياڭسۇڭ، چېڭ جياجۇ، شۈ ۋېيخۇا، لى شىنمىڭ، سۇڭ خاۋ، ئابلىز نىياز، گو يۇڭخۇي، شاۋ فېڭ، لۇ شۈپىڭ، جۇڭ بو، قۇربان روزى، روزى ئىسمائىل، باھارگۈل سەمەت، مەمەت يۈسۈپ، قاسىم مامۇت، نىشان ئىبراھىم، چېن جىنچى، جاۋ شياڭۋا، يەن فېنشىن، لى گۇيماۋ، ياڭ جاۋجى، پۇ شىيۈ، تيەن يۇڭ، جاڭ جىشۈن، قۇرماش سىرجان، يەن گوسەن قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلار ۋە ۋاپات بولغان قىسمەن پېشقەدەم يولداشلارنىڭ يەسىرەلىرى، ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىقلارنى يوقلاپ ياكى ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلارغا يوقلاشنى ھاۋالە قىلىپ، ئۇلارغا باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى، ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى. شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ رەھبەرلىرى ھەربىي رايوندىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.
يوقلاش جەريانىدا، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار پېشقەدەم يولداشلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى سەمىمىي سورىدى، شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى تۈرلۈك خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: 2025 - يىلى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى. پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم بېغىشلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدى. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، شۇنداقلا «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى كۆپرەك بېرىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
پېشقەدەم يولداشلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، بولۇپمۇ ئۆتكەن بىر يىلدا شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەردىن چىن قەلبىدىن خۇشال بولدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىدى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئاكتىپ ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش سىجىل چوڭقۇرلاشتى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ، رولىمىزنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.