​قەتئىي بوشاشماي ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئۇلنى مۇستەھكەملەپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2026-02-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش - باھالاش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

قەتئىي بوشاشماي ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئۇلنى مۇستەھكەملەپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 2025 - يىللىق ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتى (پارتىيە كومىتېتى) شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش - باھالاش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئۇلنى مۇستەھكەملەپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى ھەم باھا بەردى.

يىغىندا، 14 ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتى، مائارىپ خىزمەت كومىتېتى، ئىككى يېڭى تەشكىلات خىزمەت كومىتېتى، پۇل مۇئامىلە خىزمەت كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئايرىم - ئايرىم خىزمىتىدىن مەلۇمات بەردى. چېن شياۋجياڭ بىر - بىرلەپ باھا بەردى. يىغىنغا قاتناشقان خادىملار باھالاش ئېلىپ باردى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىجىل كۈچەپ تەشكىلىي سىستېمىنى زىچ ۋە كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، بىرىنچى سەپنىڭ كۈچىنى تولۇقلاپ، كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشتا ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىزچىل تۈردە ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساس سېلىپ، ئوبلاست، ناھىيە، يېزا رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كەنت (مەھەللە) «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەۋپسىزلىك داۋامىدا تەرەققىياتنى كۆزلەش، تەرەققىيات داۋامىدا خەۋپسىزلىكنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش - باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان، خەلققە ھەقىقىي بەخت يارىتىدىغان، ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدىغان نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى، شۇجىلارنىڭ 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى قوش مەسئۇلىيەت»ىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھوقۇقنى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا تۈزۈم قەپىسىگە سولاپ، تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ گاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بەنزە ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، «ئىككى ۋەكىل، بىر ئەزا» ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.