ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2026-02-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

«شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2026 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)» قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنىخەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، «شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2026 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)» مۇھاكىمە قىلىندى، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ھەم قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنى تۈزەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا «شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2026 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)» مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تېخىمۇ تولۇق، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى يۆنىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشنى ئاچقۇچ، ئاقىللاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى نىشان، پاختا توقۇمىچىلىق كەسىپ زەنجىرى، نېفىت چەككىلەش - خىمىيە سانائىتى - توقۇمىچىلىق كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىشنى تۇتقا، ئەلا سۈپەتلىك پاختا، پاختا يىپ بازىسى ۋە غەربكە يۈزلەنگەن بازارنى ئاساس قىلغان توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك پىششىقلاش بازىسى قۇرۇشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، سىياسەت، بايلىق، بازارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئورگانىك يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان توقۇمىچىلىق كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ۋە قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەكلىماكان ۋە قۇربانتوڭغۇتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قۇملۇقنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، رايون ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك. رايونغا ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ ئورمان، ئوتلاق، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قۇملۇق يەرلەرنىڭ تۇراقلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سۇغا ئاساسەن كۆكەرتىش كۆلىمىنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئېھتىياجىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قۇم تىزگىنلەش بىلەن بېيىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇملۇق رايون ئېكولوگىيەسى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قۇرۇش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش - قوغداش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، «ئورمان بىنا قىلىدىغان ئادەم بولۇش» «دەل - دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىدىغان ئادەم بولۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى سىجىل ياخشى مۇستەھكەملەپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق دەريا - كۆللەرنىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى، يەكەن دەرياسى − قەشقەر دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش، ئىلى دەرياسى بويىدىكى گۈزەل دەريا - كۆللەرنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى قوش تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك نۆل كاربونلۇق باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. 2 - نۆۋەتلىك مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىشتا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالىغا قارىتا «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىش، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزىتىلگەن مەسىلىلەرنىڭ قايتا كۆرۈلمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا «بارن ۋىليام ئادرىيانۇس قاتارلىق ئون نەپەر چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسكە 2025 - يىللىق <تىيانشان مۇكاپاتى> بېرىش توغرىسىدىكى قارار» مۇھاكىمە قىلىنىپ ماقۇللاندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى شىنجاڭدىكى ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت - باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، مەدەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى پائال يارىتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.