ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئارمىيەگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئاچتى

2026-02-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئارمىيەگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قوراللىق كۈچلەرنى باشقۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى ۋە ئىككىنى ھىمايە قىلىش بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش، دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2025 - يىلى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى. بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئارمىيە ۋە يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان يىل. شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قوراللىق كۈچلەرنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت توغرا يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى بىر دەقىقىمۇ توختاتماي ئالغا سىلجىتىپ، قىسىمنىڭ مۇتلەق سادىق، مۇتلەق پاك، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ پارتىيە قوراللىق كۈچلەرنى باشقۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغان يېڭى پىكىر يولى، يېڭى ئۇسۇلنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، بىرگەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك سىستېمىسى، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش سىستېمىسى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يېڭى سۈپەتلىك كۈرەش قىلىش كۈچلىرى بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇشى، قوش يۆنىلىشلىك تۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. ئىككىنى ھىمايە قىلىش شەكلىنى بېيىتىپ، ئورتاق بەرپا قىلىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت قىسىم قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنى قوللاپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك؛ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەردە ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە قوشماقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قوراللىق كۈچلەرنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا باھالاش ئېلىپ باردى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى پارتىيە قوراللىق كۈچلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىدىن يازما دوكلات بەردى.

شىنجاڭ ھەربىي رايونى، 63650 - قىسىم، 93886 - قىسىم، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى نازارىتىدىكى مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.

ۋېن دۇڭ، ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ گاڭ، شۈ خۇڭدىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى رەھبەرلەر ۋە ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.