​تىجارەت - سودا مۇھىتىدا بىر پۈتۈن، سىستېمىلىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2026-02-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

تىجارەت - سودا مۇھىتىدا بىر پۈتۈن، سىستېمىلىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاڭلىق ھالدا تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى «بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش» سۈپىتىدە تۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىدا بىر پۈتۈن، سىستېمىلىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «15 - بەش يىل»دا ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشى بىر تۈرلۈك مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان سىستېمىلىق قۇرۇلۇش. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈك، يېتەرسىزلىكلەرنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىپ، تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بارلىق تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئەلا تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارلىق ناچار ئىستىلنى قەتئىي ياخشىلاپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك تىرەككە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئادىل، تەرتىپلىك بازار مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن راۋانلاشتۇرۇپ، رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈش بويىچە قاتتىق چەكلىمىنى كۈچەيتىپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. كاپالىتى كۈچلۈك بولغان ئامىل مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق مەمۇرىي ئىشلار مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بىۋاسىتە، تېز بەھرىمەن بولۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئادىل، ئاشكارا قانۇنچىللىق مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇلىنى ئېنىقلاشقا كۈچەپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە تۈرلۈك پورتلارنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، «شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش» داڭلىق ماركىسىنى كۈچەپ يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىش»ىغا پائال مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى «بىرىنچى باشلىق» مەسئۇل بولىدىغان قۇرۇلۇش قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ «راۋان يول» مۇلازىمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خاتالىقنى سىغدۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمى ۋە ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ، سەلبىي تىپلارنى ئاشكارىلاپ، «ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش» قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى ئۆتۈپ كەتتى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «ئادەم ئىش ئورنىدا بولۇش، زېھنىنى ئىشقا قارىتىش، ئىشنى ئاقسىتىپ قويماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، «ساقلاپ تۇرمايدىغان» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، «سۆرەلمىلىك قىلمايدىغان» كىرىزىس تۇيغۇسى، «تېز ھەرىكەتكە كېلىدىغان» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ 1 - پەسىلدە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ 2026 - يىللىق تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەت لايىھەسى» يېشىپ چۈشەندۈرۈلدى. ئالاقىدار تارماقلار، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

جاڭ يىڭچۇن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يۈسۈپجان مەمەت، لى نىڭپىڭ، ئەنۋەر تۇرسۇن، مۇقىيات جارمۇقامەت، قەيسەر ئابدۇكېرىم، جۇ لىفەن، پەن شى، قەيسەر قېيۇم، ليۇ خۇيجۈن، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار، قىسمەن سودىگەرلەر جەمئىيەتلىرى، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.