شىنجاڭ 2026 - يىللىق باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2026-02-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ 2026 - يىللىق باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، چېن شياۋجياڭ سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، ئەسقەت كەرىمباي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئالتۇن يىلان كونا يىلىنى ئۇزىتىپ، ئات يىلى باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش. 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە 2026 - يىللىق باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللەر خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى خۇشال تەبرىكلىدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، گۇڭئەن كادىر - ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى، بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرىغا، مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ئىلغار نەمۇنىچىلار قاتارلىق ھەر ساھەدىكى زاتلارغا، پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا، شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ كېلىۋاتقان مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق دوستلارغا باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، ئەسقەت كەرىمباي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2025 - يىلى ناھايىتى ئالاھىدە بىر يىل بولدى، شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى، شىنجاڭدىكى 26 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلق چەكسىز روھلاندى، ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمى تېخىمۇ مەزمۇت، كۈچلۈك بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىنى، تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇرغۇتقان ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشتىكى قەتئىي ئېتىقادقا ئايلاندۇردۇق، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇردۇق؛ بىز شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، مۇقىملىقنى باش ئورۇنغا قويۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدۇق؛ بىز ئاساسىي لىنىيەنى ئىگىلەپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق؛ بىز بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى، ئەلا بولۇشقا يۈزلىنىپ، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ ۋە پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىمىزنى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈردۇق؛ بىز ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى سىجىل كۈچەيتتۇق؛ بىز ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلدۇق؛ بىز پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئۇلنى پۇختىلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇردۇق. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، بۇ، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، بۇ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇنىڭغا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە، ھەرقايسى سەپلەردىكى يولداشلارنىڭ جاپالىق ئەجرى ۋە ئەقىل - پاراسىتى، كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مۇقىملىقنى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئىستىلنى ياخشىلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.

كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىدا، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.

تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ گاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبىرىي يولداشلار، ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن ئۆلكە دەرىجىلىك بىر قىسىم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ھەر ساھە ۋەكىللەر ۋە ھەرقايسى سەپلەردىكى ئىلغارلار، نەمۇنىچىلار كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىغا قاتناشتى.