شىنجاڭ گېزىتى، قاراماي، 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تارباغاتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە بايرام مەزگىلىدە ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت، تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەر بويىچە، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشى، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز ساۋەن شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق كوچىسى شاۋنيەن يولى مەھەللىسىگە كېلىپ، ئامما ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مەھەللىنى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان سۇپىغا ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە يېتەكلەش كېرەك. خەيخۇا (شىنجاڭ) توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى ۋە ساۋەن تەيكۇن ياغ چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بايرام مەزگىلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىگىلەپ، كارخانىلارنى سىجىل تۈردە سودىگەر ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى «ھەممە ئىشتا كۆڭلىدە سان بولۇش»تىن ئىبارەت ھەرىكەت كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
خۇاديەن شىنجاڭ شىخو ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: ئۈسكۈنىلەرنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، توك بىلەن تەمىنلەش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شىخو شەھىرى شىڭشېڭمۇ چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنى كۆلەملىشىش، ئۆلچەملىشىش، ماركىلىشىش تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش يېڭى مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈردى. شىنجاڭ شىخو پىۋىسى (ۋۇسۇ) چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىسى بىلەن ئىستېمال نۇقتىسىنى زىچ تۇتاشتۇرۇپ، كۆپ خىللاشقان مەھسۇلاتلارنى ئېچىپ، كونا داڭلىق ماركىلارنى جۇلالاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئەركىن تۇنىياز قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى خۇيجيا بىڭخې مەيدانىدىكى «شياۋگې لەيبا» ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پونكىتىغا كېلىپ، دەم ئېلىۋاتقان ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىغا چىن قەلب، چىن ھېسسىيات ۋە پۈتۈن كۈچ بىلەن تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولغان ئادىمىيلىككە ئىگە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى تەكىتلىدى. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى (شىنجاڭ . قاراماي) ئەقلىي ھېسابلاش مەركىزىدە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى تېز يولغا قويۇپ، ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىنى كېڭەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. غالىبىيەت يولى كوچىسى ساقچىخانىسىدا، ئەركىن تۇنىياز ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرىنى يوقلىدى، زىددىيەت - ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش ئىشخانىسىغا كىرگەندە، خەلق مۇرەسسەچىلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش، بىخ ھالىتىدە تۈگىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
ئەركىن تۇنىياز يەنە پوجاڭزا - ساليۇت پارچە سېتىش دۇكانلىرىنى زىيارەت قىلىپ، «بەشنى قەتئىي چەكلەش، ئۈچ جەزمەن» قاتتىق تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پوجاڭزا - ساليۇت پۈتۈن زەنجىرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە قاراماي شەھىرى كارخانىلارنىڭ باھار بايرىمىدىن كېيىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسى ۋە مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا قويۇپ، بۆسۈش نۇقتىسى، ئېشىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، 1 - پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرگە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.