​كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ پۇختا زىممىگە ئېلىپ، پۇختا تۈزىتىش نەتىجىسى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2026-02-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ھەم تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ پۇختا زىممىگە ئېلىپ، پۇختا تۈزىتىش نەتىجىسى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ھەم تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ھەرقايسى مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى باسقۇچتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇردى. سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ پۇختا زىممىگە ئېلىپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2025 - يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكىدىن ئىبارەت «ئۈچ تىزىملىك»نى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىشانلىق جەڭ قىلىش، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ھازىر تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلىرى»نى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىش كەسكىن سىياسىي چوڭ ئىمتىھان، جەزمەن ياخشى جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سىياسىي ئىمتىھان سوئالى. دىققەتنى مەركەزنىڭ كۆزىتىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈزىتىش پىكرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىشنى كۈندىلىك خىزمەتكە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇختا تۈزىتىش نەتىجىسى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش تەلىپىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشقا سىجىل كۈچەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تىنچ - ئىتتىپاق، ئىناق - مۇقىم بولغان ۋەزىيەتنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا سىجىل كۈچەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىشنى يېتەكچى قىلىپ شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى كۈچەپ جانلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا سىجىل كۈچەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك «بىرىنچى باشلىق»لارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى سىجىل ساپلاشتۇرۇش كېرەك. سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىشقا سىجىل كۈچەپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك قۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش ۋە ئىزلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئاخىرىغىچە مەسئۇل بولۇپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىش داۋامىدا ئىستىلنى تاۋلاپ، ئىستىلنى سىناپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ گاڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.