باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ئاپتونوم رايون بويىچە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

2026-02-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى

ئاپتونوم رايون بويىچە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنىخەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «پۈتۈن پارتىيەدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆگىنىش - تەربىيەسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى، مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى لايىھەسى مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن پارتىيەدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاشتىكى مۇھىم تەدبىر، پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۈنۈملۈك يول بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئەھمىيىتى زور. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش» ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ھەقىقىي تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تۈزىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش - مۇھاكىمىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، مەركەزلىك تەربىيەلەش بىلەن شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش - پىكىر ئالماشتۇرۇش، تەربىيەلەش - يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتىن سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش، مەنبەدىن تەكشۈرۈش، تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشى جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، مەسىلە تىزىملىكىنى تۈزۈش ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك. ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، كادىرلار قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە چېنىقىشقا، ئىستىلنى تاۋلاشقا، قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىپ، دائىملىق تۈزىتىپ، دېلونى ئۆرنەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئىچكى جەھەتتە قەلبكە سىڭدۈرۈش، تاشقى جەھەتتە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيە ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا ياخشى بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ھېس قىلىش ۋە مەنپەئەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت( پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مەركىزىي خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىسىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىدە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ گاڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، رايونلارغىچە سىنلىق شەكىلدە ئېچىلدى.