چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال 1 - باشقارمىسى، ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى بەنگۇڭتىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇلۇشىدا ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال 1 - باشقارمىسى، ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يىللىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى، ياچېيكىدىكى يولداشلار بىلەن سىرداشتى، پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى بەنگۇڭتىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشتە چىڭ تۇرۇش»نى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ سىياسىي ئورگان قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇلۇشىدا ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.
يىغىندا، ياچېيكىدىكى مەسئۇل يولداش ياچېيكا خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى ھەم سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ بىر - بىرلەپ سۆز قىلدى، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى سىياسىي ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە كومىتېتى خىزمىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، مۇھىم مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىگە ئالغان. سىياسىي سادىقلىقنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىش، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك. پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى باش سىياسىي پىرىنسىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك. ئومۇمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يۈكسەكلىكتە تۇرۇش، چوڭقۇر ئويلىنىش، ئەمەلىي پىلانلاش، ياخشى ئىشلەشتە ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك. مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش»نى شىنجاڭنىڭ خىزمەت ئومۇملۇقىغا قويۇپ ئويلىنىپ ۋە پىلانلاپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چارە - تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككىنى يۇغۇرۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، مەسلىھەتچى ۋە ياردەمچى بولۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈش، مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، پاك - تەلەپچان بولۇشتا ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك. قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك؛ ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئىستىلنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلى ۋە ئاغرىنماسلىق، ئۆكۈنمەسلىكتەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات چارىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. پاك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، تۆۋەن چەكنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىنتىزام، قائىدىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشى كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىشى، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشى كېرەك. كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.
قادېن كەبىن يىغىنغا قاتناشتى.