ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 1 - باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى
تەدبىر بەلگىلەشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 1 - باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يىللىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كاتىبات 1 - باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى بەنگۇڭتىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشتە چىڭ تۇرۇش»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، «ئۈچنى بېجىرىش، ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تەدبىر بەلگىلەشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى، تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
يىغىندا، پارتىيە ياچېيكىسىدىكى مەسئۇل يولداش ياچېيكىغا ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى تەلەپ بويىچە تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى ھەم ئۆز خىزمىتى ۋە ئىدىيە ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلىپ، ھاسىلاتى، تەسىراتىنى سۆزلىدى، پەرقى، يېتەرسىزلىكىنى سۆزلىدى، كېيىنكى قەدەمدىكى تۈزىتىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەركىن تۇنىياز كۆپچىلىكنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش»لىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، كۆپچىلىكنى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئۈلگە بولۇپ، يۈكسەك ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى سىجىل كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئالدىدا مېڭىش، ئالدىغا قاراش، ئالدىدا ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: مەسلىھەت بېرىش، مەمۇرىي ئىشلارغا ياردەملىشىش جەھەتتە سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، «ئاددىي ئەسكەر بولسىمۇ، قوماندانغا ئوخشاش ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاش»تا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭى ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىش، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. بىلىمنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، «قوش كاربون» ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +، رەقەملىك ئىقتىساد، تىجارەت - سودا مۇھىتى قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى چۆرىدەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، كۆپرەك ياخشى ئامال، قىممىتى بار چارىلەرنى كۆپرەك كۆرسىتىش كېرەك. مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشقا تىرىشىپ، ھەقىقىي تۈردە كەسىپچانلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، خالىس تۆھپە قوشۇش مەنىۋى مەنزىلىنى يېتىلدۈرۈپ، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەر ئالدىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، خالىس تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلىش كېرەك. پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمكارلىشىش جەھەتتە بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، تارماق ھالقىغان، ئورۇن ھالقىغان پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئارقىلىق خىزمەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش جەھەتتە ئوبراز تىكلەپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، كۆڭلىدە ئەيمىنىش بولۇش، گەپ - سۆزدە ئېھتىياتچان بولۇش، ھەرىكەتتە چەكلىمە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.