چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى مۇھىم تىرەك نۇقتىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز شەرقىي جۇڭغار ئېنېرگىيە سارىيىدا، تەرەققىيات رايونىدىكى بايلىقنىڭ جايلىشىشى، كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىماقتا. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، سانجى، 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىك، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز شەرقىي جۇڭغار ئېنېرگىيە سارىيىغا كېلىپ، تەرەققىيات رايونىدىكى بايلىقنىڭ جايلىشىشى، كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى؛ چىيا شىنجاڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليومىن، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىلارنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېشىللاشتۇرۇش، يۇقىرى قىممەتلەشتۈرۈش بويىچە تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى؛ شەرقىي جۇڭغار ئاقىل باغچە رايونى باشقۇرۇش مەركىزىگە بېرىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە قىسمەن چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، باغچە رايونىنىڭ رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەر تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
سۆھبەت داۋامىدا، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىيات خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شەننېڭ شىنجاڭ ئېنېرگىيە ئېچىش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شىنيې گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار باغچە رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات ئورۇن بېكىتمىسىنى يەنىمۇ نىشانلاپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، كۆمۈرنى ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك قوزغىتىپ، «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» يولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە توك يەتكۈزۈش كارىدورى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسىنىڭ مۇھىم تىرەك نۇقتىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ ۋە زورايتىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، ئاليۇمىننى ئاساس قىلغان، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، زور كۈچ بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، زامانىۋى ئېنېرگىيە كەسىپ توپىنى يېتىلدۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. سانائەت ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشتىكى موتورلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى چوڭ، يېتەكلەشچانلىقى ۋە تۈرتكە بولۇشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم تۈرلەرنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ۋە يولغا قويۇپ، تۈر مۇلازىمىتى كاپالىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چىن قەلب، چېن ھېسسىيات بىلەن كارخانىلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ بالدۇر ئەمەلىيلىشىشى، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. باغچە رايونىنىڭ تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئارا، رايونلار ئارا ماس ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ خەلقئارا بازارنى ئېچىشىنى پائال قوللاپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ كۆتۈرۈش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. بىخەتەرلىك ۋە مۇھىت قوغداش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات رايونى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىيات جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ ۋە تۈزەپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، دادىللىق بىلەن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ئارقىلىق ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.
جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن پائالىيەتكە قاتناشتى.