چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ھەم 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە سەپەرۋەر قىلىش - ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ھەم 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە سەپەرۋەر قىلىش - ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ھەم 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە سەپەرۋەر قىلىش - ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت ئېغىر. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش سېپىدىكىلەر «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش نازارەتچىلىكىنى كونكرېتلاشتۇرۇش، دەل جايىدا بولۇش، دائىملاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش نازارەتچىلىكىنىڭ چۆچۈتۈش كۈچى، تەسىر كۆرسىتىش كۈچى، تۈرتكە بولۇش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۆزىتىش نازارەتچىلىكىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، كۈچلۈك نازارەتچىلىك ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىققەتنى «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوغداشقا يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات مۇھىم ئىستراتېگىيەسى، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى، مۇھىم تەدبىرى، چوڭ - چوڭ تۈرلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە تۈزەپ، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولغان نازارەتچىلىك ئارقىلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىغا، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنى، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ كۆزلەپ نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشكە بىرلەشتۈرۈپ، كەنتلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. دىققەتنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستىل جەھەتتىكى جاھىل كېسەللەرنى تۈزەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سىياسىي نەتىجە قارىشى مەسىلىسىنىڭ ئارقىسىدىكى مەسئۇلىيەت مەسىلىسى، ئىستىل مەسىلىسى، چىرىكلىك مەسىلىسىنى كۈچەپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئوي - پىكرى ۋە زېھنىنى ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە سەرپ قىلىپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. دىققەتنى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش پولات قوشۇنى تاۋلاپ چىقىشتا يېڭى پەللىگە ئۆرلەش كېرەك. «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىلى» ھەرىكىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش كادىرلىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشلامچىلىق بىلەن قائىدە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىنتىزام ۋە قائىدە تۆۋەن چېكىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزىنى دۇرۇس تۇتۇش، ئۆزىنى چىڭ باشقۇرۇش، ئۆزىنى پاك تۇتۇشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «قايتا تەكشۈرۈش»نى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، كونا مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى مەسىلىلەرنى بايقاپ، چىڭ قادىلىپ بوشاشتۇرماي تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق»نى نازارەت قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۈنۈملۈك ھەيدەكچىلىك قىلىپ، «تۈزىتىشنى تۇتماسلىق ۋەزىپىنى ئادا قىلالماسلىق، تۈزىتىش كۈچلۈك بولماسلىق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق» دېگەن روشەن يۆنىلىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى بىلەن كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، ماس قەدەمدە بولۇپ، بىرلىكتە مەسىلىنى دەل جايىدا تېپىپ، تۈزىتىشنى پۇختا تۇتۇپ، كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى تاماملىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرىغا ھوقۇق بېرىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھەم ۋەزىپە تەقسىملەش توغرىسىدىكى قارار ئېلان قىلىندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىشتە نۇقتىلىق ھالدا ئاپتونوم رايون بويىچە تۆت تەرەققىيات رايونى، ئالتە تارماق، ئورۇن، تۆت دۆلەت كارخانىسى پارتىيە تەشكىلاتىغا قارىتا «قايتا تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى ۋە كۆزىتىلىدىغان ئورۇنلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.