جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2026-03-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايون جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى ھەم ئەرزىيەت ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايون جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى ھەم ئەرزىيەت ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2025 - يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، 2026 - يىللىق مۇھىم ۋەزىپىلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن مىڭگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بەردى، جەمئىيەت خىزمىتى دېگەن نېمە، نېمە ئۈچۈن جەمئىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك، جەمئىيەت خىزمىتىنى قانداق كۈچەيتىش كېرەك قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ ئورنى ۋە رولى، ئومۇمىي تەلىپى، خىزمەت ۋەزىيىتى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، جەمئىيەت خىزمىتى ۋە ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈچەپ بىخەتەر، مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىپ، مۇستەھكەم، مۇقىم بولغان ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى پۇختىلاپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان جەمئىيەت كۈچلىرىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك ۋە پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2025 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت خىزمىتى سىستېمىسى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پارتىيەنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى مەنبەدىن تۈزەش ۋە بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى تۈگىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. 2026 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى پۇختىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپتۇرۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىرى ۋە ئۇلنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك قۇرۇپ، كەنت (مەھەللە) «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنت ۋە مەھەللىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى «كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرەش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش خىزمەت نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە كۈچ قوشۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى پارتىيەنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قاپلىشى ۋە خىزمىتىنىڭ قاپلىشىنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مۇستەھكەملەپ، يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى تۈرلۈك تەشكىلات ۋە كىشىلەر توپىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. دىققەتنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك جەمئىيەت توپلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشتا يېڭى يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىككىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك جەمئىيەت توپلىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىلتىماس - تەلەپلەرنى ھەل قىلىپ، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، جەمئىيەت ساھەلىرىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر دەرىجىلىك ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركەزلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىشنى دائىملاشتۇرۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈپ ياخشى تۇتۇپ، مەنبەدىن تۈگىتىش، كۆپ خىل تۈگىتىش، تەرتىپلىك تۈگىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ تەكلىپلىرىنى توپلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى قوشۇنىنىڭ كەسپىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، جەمئىيەت خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قويۇپ، مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىشى، ھەل قىلىشى كېرەك، جەمئىيەت خىزمىتى تارماقلىرى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، كۈچنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك، ئالاقىدار تارماقلار پائال نەتىجە يارىتىپ، زىچ ماسلىشىپ، جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى ۋە ئەرزىيەت ئىدارىسى يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، ساپاسى ياخشى بولغان، ئاممىغا رىشتە باغلىغان، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان جەمئىيەت خىزمىتى كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

يىغىندا، قەشقەر ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ گاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى، ئەرزىيەت ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.