جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

2026-03-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىچېن شياۋجياڭ

مۇھەررىردىن

«شىنخۇا كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى» 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» ناملىق ئىمزالىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى، بۈگۈن شىنجاڭ گېزىتىدە تولۇق تېكىستى كۆچۈرۈپ بېسىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭغا «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشنى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. 2025 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش. باش شۇجى مۇھىم سۆز قىلىپ، تەبرىك تاختىسىغا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن بېغىشلىمىنى يېزىپ بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇردى. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تىنچ - ئىناق بولغان يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدى، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى جەھەتتىكى رازى بولۇش دەرىجىسى99تىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىدى. شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلىدى، ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گىرەلەشمە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ساياھەت ئارقىلىق يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشى سىجىل كېڭەيدى. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشقا، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىل بولۇش - بولماسلىقىغا دائىر مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى تېز بەرپا قىلدى. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەر شىنجاڭنى باشقۇرغان، ئىدارە قىلغان ۋە كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تارىخىي پاكىتنى تولۇق نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتراپ قىلىش»ىنى كۈچەيتتى. خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلىدى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. 2025 - يىلى، يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار كۆلىمى 64 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە باش ئورۇندا تۇردى، نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا بەش يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا مۇقىم تۇردى، ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلى ئۇدا مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ92.8ىنى ئىگىلىدى؛ جۇڭگو − ياۋروپا (ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ 18 مىڭ قېتىم قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى؛ شەھەر - بازارلاردا 488 مىڭ 100 ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، شەھەر - بازار، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىردەك مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى؛ تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى «يېشىل شارپا» توقۇلغانسېرى قېلىنلىدى، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولدى. شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى. دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاش، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش»تە چىڭ تۇردى، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، زامانىۋى مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى زورايتىش، كۈچەيتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، بىڭتۇەن خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىڭتۇەننىڭ «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيەسى» «تۆت چوڭ رولى»نى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقى ۋە كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قوللىشىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇردى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، بۇنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تامامەن توغرا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولى تەڭداشسىز ئەۋزەل.

2026 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل. شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈپ، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىمىز. دىققەتنى ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىمىز. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، جۇڭگو − ياۋروپا (ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنى يۇقىرى سۈپەتتە يۈرۈشتۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پورتلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پائال، پۇختا كېڭەيتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، رايونلار بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ «ئىچكى قۇرۇقلۇق چېگرا رايونى»دىن «ئېچىۋېتىش تۈگۈنى» بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز. دىققەتنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا ئورنىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بىلەن قوش ئايلىنىشقا مۇلازىمەت قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئۇدۇللىشىش ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بايلىق تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن ماسلاشقان كەسىپ ھەمكارلىقى مۇھىم تۈگۈنىنى بەرپا قىلىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «ئىقتىساد يولى»دىن «قوش ئايلىنىشقا سىڭىشكەن، كەسىپلەر ماس تەرەققىي قىلغان» بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىمىز. دىققەتنى مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز. شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، شامال، يورۇقلۇق، ئېلېكتىر بايلىقىنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، «نېفىت - تەبىئىي گاز + كۆمۈر ئېلېكتىر + يېڭى ئېنېرگىيە + ئېنېرگىيە ساقلاش»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» قاتارلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ كۆلەم ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى»دىن «يېڭىچە ئېنېرگىيە كاپالەت بازىسى» بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىمىز. دىققەتنى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، كىرىمنى ئاشۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم ۋەزىپىسىنى پۇختا زىممىمىزگە ئېلىپ، پاختىنىڭ ئەۋزەل ئورنىنى پۇختىلاپ، باغ - ئورمانچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز. دىققەتنى دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلقنىڭ بىرىكمە كۈچى ئارقىلىق چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش، مۇستەھكەملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش، ئىستراتېگىيەلىك يول بىخەتەرلىكى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى، چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايمىز.

شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە. بىز پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىمىزگە ئېلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك قۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ تاۋلاپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)