شۆھرەت زاكىر، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن قاتناشتى، خې جۇڭيوۋ سىرتتىن قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئايرىم - ئايرىم ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى لايىھەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسى، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ سىرتتىن قاتناشتى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.
ۋەكىل شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئۈچ قانۇن لايىھەسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىشى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدىكى مۇھىم نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇلۇپتۇ، بۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. قانۇن تۈزۈش جەريانىدا، پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ باشتىن - ئاخىر مەۋقەنى يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنىغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتىنىڭ دەۋر قىممىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈش ۋە جارى قىلدۇرۇش؛ باشتىن - ئاخىر پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇش داۋامىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش مۇقەررەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچلۈك قانۇنچىللىق قۇۋۋىتى قوشىدۇ. ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى تۈزۈش پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنى قانۇن دەستۇرى شەكلىدە بېكىتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن - تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە؛ دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنىنى تۈزۈش دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۈچ قانۇننىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قانۇن تەلىپىنى ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قانۇنچىللىق كۈچى قوشۇش كېرەك.
ۋەكىل چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان ئۈچ قانۇن لايىھەسىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىغا بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى دېموكراتىك چىقىرىش، قانۇننى قانۇن بويىچە چىقىرىش پىرىنسىپى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى لايىھەسىدە، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئامىللىق، پۈتۈن جەريانلىق ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇنچىللىقىنى قاپلىغان «ئاساسىي قۇرۇلما» ۋە قانۇن قائىدىسى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىنىپتۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى تۈپ قوللانما قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قانۇنچىللىق ئۇلى پۇختىلاندى. دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى لايىھەسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلەندى. شىنجاڭ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ۋەكىل ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: ئۈچ قانۇن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. لايىھەدە، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلچەم بويىچە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇختا قانۇنچىللىق ئۇلى بەرپا قىلىندى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى دۆلىتىمىزنىڭ «قانۇن دەستۇرى» نامى بىلەن ئاتالغان 2 - قانۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇپ، «ھادىسىدىن تۈزەش»تىن «ماھىيەتتىن تۈزەش»كە ئۆتۈشكە بولغان چوڭقۇر ئۆزگىرىش نامايان قىلىندى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىدا، قانۇن شەكلى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ بۇ ئاساسىي لىنىيەسى بېكىتىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنىدا، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ بىرتۇتاش يېتەكچىلىك ئورنىنى بېكىتىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا باشتىن - ئاخىر نىشانىنىڭ بىردەك بولۇشى، پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. بىز ئۈچ قانۇننى ئۆگىنىش - تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش - يولغا قويۇش، نازارەت قىلىش - ئىجرا قىلىشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، سىستېمىلىق قاراش، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنلارنىڭ شىنجاڭدا ھەقىقىي تۈردە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.
ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق دېدى: ئۈچ قانۇن لايىھەسىنىڭ تۈزۈلۈشى ئىلمىي، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، مەزمۇنى مۇكەممەل بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قانۇنچىللىقنى مىسلىسىز يۈكسەكلىك ۋە كەڭلىكتىن پىلانلاش، قانۇنچىللىقنى مىسلىسىز چوڭقۇرلۇق ۋە سالماق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشى ۋە قەتئىي ئىرادىسى تولۇق نامايان قىلىندى، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىدا، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، دەۋرلەشكەن ئىنكاس قايتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى خۇلاسىلىنىپ ۋە ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، روشەن سىياسىيلىقى، كۆرۈنەرلىك ئۇنىۋېرساللىقى نامايان قىلىنىپ، يېتەكلەش خاراكتېرى بىلەن چەكلەش خاراكتېرىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسى پۇختىلاندى. دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنىدا، پىشىپ يېتىلگەن تەجرىبىلەرنى قانۇنلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، يولغا قويۇش كاپالىتى كۈچەيتىلىپ، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى. بىز ئۈچ قانۇننى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلىرىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىقنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.
ۋەكىل شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ئۈچ قانۇن لايىھەسىنى قۇۋۋەتلەيمەن. ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم قانۇن چىقىرىش ئەمەلىيىتى بولۇپ، دۆلىتىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سىستېمىلىشىش، قانۇنچىللىشىش، زامانىۋىلىشىش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. قانۇن دەستۇرى لايىھەسىدە، دەۋر تەلىپى چىڭ كۆزلەنگەن، تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك نامايان قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ قانۇن چىقىرىش ئەمەلىيىتىنىڭ ئىجادىيلىقى، دۇنيا ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشتىكى يېتەكلەشچانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسىدە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇلدى، بۇ، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»، سىستېمىلىق قاراش ۋە يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى قانۇن چىقىرىش ئەمەلىيىتىدە ئىجادىي قوللىنىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى لايىھەسىگە پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى سىڭدۈرۈلگەن، سىستېمىلىقلىق بىلەن ماسلىشىشچانلىق، ئىلمىيلىك بىلەن دېموكراتىيە، ئىستراتېگىيەلىك بىلەن چەكلىمىلىكنىڭ يۈكسەك بىرلىكى نامايان قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ «بىر پارچە ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش»نى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئۆگىنىش - تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، يولغا قويۇش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، يۈرۈشلەشكەن تىرەكنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق قانۇننىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئىجرا قىلىنىشىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
ۋەكىل تيەن شياڭلى مۇنداق دېدى: ئۈچ قانۇن لايىھەسىنى قۇۋۋەتلەيمەن. ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى تۈزۈش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسى ۋە قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، بىر مەقسەتتە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنىنى تۈزۈش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ. ئۈچ قانۇن يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.
ۋەكىل ۋاڭ مىڭشەن مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش تېخىمۇ مۇكەممەل قانۇنچىللىق سىستېمىسى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قانۇن چىقىرىش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى مۇكەممەل ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. لايىھەدە، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلغان، تۈزۈلۈشى ئىلمىي، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، مەزمۇنى مول بولۇپ، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ۋە دەۋر خاراكتېرىگە ئىگە، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار يەرلىك نىزاملىرىنىڭ قانۇن دەستۇرى بىلەن بىردەك ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن دەستۇرىدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
ۋەكىل دىلشات سايىم مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش يېڭى دەۋردىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىسى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. قانۇن دەستۇرى دىققەتنى بىرىكتۈرۈپ قېلىپلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇننى تەتبىقلاشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالىدۇ؛ دىققەتنى سىستېمىلىق تۈزەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى روشەن يۆنىلىش بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ دىققەتنى قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئېنىق كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىت بايلىقىغا دائىر سوت قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولىمىز ۋە مۇلازىمەت قىلىمىز.
ۋەكىل گاۋ جىمىڭ مۇنداق دېدى: ئۈچ قانۇن لايىھەسىنى قۇۋۋەتلەيمەن. ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ساھەسىدىكى ئۇل خاراكتېرلىك، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك قانۇن دەستۇرى جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى تۈزۈش مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئىدىيەۋى مەنبەسىنى تۈپتىن يوقىتىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق. دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنىنى تۈزۈش يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى «قانۇنچىللىق موتورى» بىلەن تەمىنلەيدۇ. قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تەپتىش تۆھپىسىنى قوشىمىز.
ھاجىئەكبەر ئەيسا، ۋۇ ۋېنشيۇ، مېڭ نەن، ئابدىمەمەت ئوبۇل قاتارلىق ۋەكىللەر سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: ئۈچ قانۇننى تۈزۈش قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى دېموكراتىك چىقىرىش، قانۇننى قانۇن بويىچە چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشىنىڭ تۈزۈم ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايدۇ. كۆپچىلىك يەنە قانۇن تەشۋىقاتى بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، يۈرۈشلەشكەن سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن سارقىت ئاقان، لى شيەنفا، مەمتىمىن قادىر، ئەنۋەر تۇرسۇن، شۆ بىن، باتۇ، شى گاڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. دۇ خۇڭيەن قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.