مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى

2026-03-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەرقايسى ساھە گۇرۇپپىلىرى بويىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

ئەزالار مۇزاكىرىدە مۇنداق قارىدى: «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈپ، قانۇنچىللىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، تىنچ - ئامان جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرى نامايان قىلىنىپتۇ.

ئەزا دوۋ گاڭگۇي: «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىدا قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشنى قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرگەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتە خەلقنى كۆزلەش ئىدىيەسى نامايان قىلىنىپتۇ، دېدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتتا «ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن تەكلىپلىك نازارەتچىلەر ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مەسلىھەتچىلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دوۋ گاڭگۇي دەل تەكلىپلىك نازارەتچىلەرنىڭ بىر ئەزاسى، بۇلتۇر ئۇ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەشكىللىگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ۋە يىغىنغا قاتنىشىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى ھېس قىلغان. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىگە قارىتا، ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش كېرەك. ئىشتات تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن باھالاپ ھەم تەدرىجىي قانات يايدۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادەم كۈچى بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر سودىيەلەرنىڭ سوت قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئەزا جاڭ خۇي مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتى سىياسىي يۈكسەكلىك، قانۇنچىللىق چوڭقۇرلۇقى ۋە خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىگە ئىگە دەۋر جاۋاب قەغىزى بوپتۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، «ئىككى ئالىي مەھكىمە» يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، نەتىجىلەر ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تىپىك مىساللىرىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، دائىملىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق قانۇنغا ئىزاھات بېرىش، دېلو ئارقىلىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق جانلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان كەيپىياتنى تىرىشىپ يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

ئەزا ساڭجيې جياسو مۇنداق دېدى: بۇ يىل «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتى يۇقىرىنىڭ سىياسىتىگە ئۇيغۇنلاشقان بولۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، ئورۇن بېكىتمىسى دەل جايىدا بوپتۇ؛ تۆۋەندە ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇلۇپ، نۇرغۇن پاكىت، سانلىق مەلۇمات، تىپىك ھەم جانلىق دېلو مىساللىرى ئارقىلىق، بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەت نەتىجىلىرى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئادىللىق، ھەققانىيلىققا بولغان ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇلۇپتۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «تەپتىش ئورگانلىرى خەلق تۇرمۇشىنى قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى دېلولارنى ھەقىقىي ياخشى بېجىرىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

ئېلزات ئەخمەتجان، قادىلبېك قامزا، جارۇللا ھېسامىدىن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ليۇ جيەنمىڭ، خالمۇرات ئابدۇراخمان، غالىپجان قادىر قاتارلىقلار ھەرقايسى گۇرۇپپىلاردا ئايرىم - ئايرىم مۇزاكىرىگە قاتناشتى.