شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە قازاقىستان سودا ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئارمان شاققالىيېف بىلەن كۆرۈشتى.
چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن شاققالىيېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىندا جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى، يىغىندا تەستىقلانغان «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بېرىپ، ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا قىممەتلىك ئېنىقلىق ۋە مۇقىملىق قوشتى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ توقايېفنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ئىككى تەرەپنىڭ يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى. قازاقىستان بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جۇڭگو شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى قويۇق، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. بىز قازاقىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، پورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ يەرلىكلەر ئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ماھىيەتلىك مەزمۇن ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە جۇڭگو - قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايمىز.
شاققالىيېف جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر قازاقىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىپ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھقا ئايلاندى، شىنجاڭ قازاقىستاننىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئالدىنقى سەپ كۆزنىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قازاقىستان - جۇڭگو ئىككى تەرەپ سودىسىدا تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قازاقىستاندىكى يەرلىكنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.