ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2026-04-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانى ھەم رايون يىرىك پىلانىنى تۈزۈش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانى ھەم رايون يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە يىرىك پىلان توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانى، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى قاتارلىقلارغا تولۇق ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جىپسىلاشتۇرۇپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى تۇتاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆرسەتكۈچلەرنى جىپسىلاشتۇرۇش، ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەۋقەنى ئاپتونوم رايوننىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، تەرەققىيات ئاساسى ۋە مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا قويۇپ، دەل جايىدا، ئىلمىي بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دەلىللەشنى كۈچەيتىپ، كەڭ دائىرىدە خەلق رايىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاپ، نىشان، كۆرسەتكۈچ ۋە سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانى ھەم رايون يىرىك پىلانىنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ يېقىنلاشقان بولۇشى، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى ياخشى يولغا قويۇشنى تەشكىللەپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە تىپىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپقا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش كېرەك. كۆكەرتىش بوشلۇقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، يەرگە قاراپ يېشىللىقنى بېكىتىپ، سۇغا قاراپ يېشىللىقنى بېكىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېشىللىقنى ئاشۇرۇش ئىشىنى ياخشى ئىشلەپ، دەرەخ ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە دەرەخ ئۆستۈرۈپ، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈپ، ياخشى ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى، تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى ھەم ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، قۇربان ھېيت ھەم ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەتىيازلىق تەتىلى قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلمەكتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلاردا ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر گىرەلىشىپ ئۈستىلەندى. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ھادىسىلەردىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش ۋە پۇختىلاش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى، يول قاتنىشى، كان ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، ئادەم زىچ توپلاشقان مەيدان - سورۇن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. مەدەنىي قەبرە يوقلاش يېڭى ئىستىلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوت مەنبەسىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئورمان ئوت ئاپىتى خەۋپ - خەتىرىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، بايرام مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك، مۇقىملىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، مەسىلە - زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.