شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2026-04-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى ۋە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ 2026 - يىللىق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، 2026 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى ۋە قاراپ چىقىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا مۇھىم ئورۇنغا قويدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ ئىجادىي خاراكتېرگە، دەۋر خاراكتېرىگە، يېتەكچى خاراكتېرگە ئىگە بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشتىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشنى ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئىتتىپاق، مۇقىم بولۇشقا ئىلھام بېرىش، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى سىستېمىلىق ئىسلاھ قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، زورايتىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى سۆزلەپ، «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىش» سالمىقىنى زورايتىپ، قاراتمىلىق ھالدا تۈرلۈك ساختا ئاممىۋى پىكىر، سەلبىي ئاممىۋى پىكىر، زىيانلىق سۆزلەرگە رەددىيە بېرىپ، تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى خىزمەتنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ بىرتۇتاش ئويلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ھازىرقى ئەمەلىيەت ۋە ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتقا قويۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر تۈركۈم شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دەل جايىدا كۈچەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، راۋاجلاندۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش - پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىنى گۈللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش، قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك. پۇختا ئىستىلنى تاۋلاپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش نەتىجىسىنى سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بىر تۈرنى ئاخىرىغىچە تۇتۇشقا، بىر ئىش قىلسا شۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاخبارات باياناتچىلىرى قوشۇنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، خىزمەتنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ۋاقتىدا نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ساداسىنى يەتكۈزۈپ، جەمئىيەت ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئوبرازىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.