ئاپتونوم رايوننىڭ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك مۇلازىمەت كەسپى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +»غا دائىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ ئەقلىي ھېسابلاش كۆلىمىنىڭ ئېشىشى تېز بولدى، تور ئۇل ئەسلىھەلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، سانلىق مەلۇمات مىقدارى مول، ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتى كۆپ خىل بولۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتى پۇرسەتكە تولدى، ئىستىقبالى پارلاق. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، ساقلاپ تۇرۇشقا، سۆرەلمىلىك قىلىشقا بولمايدۇ دەيدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھېسابلاش ئىقتىدارى كۆلىمىنى پۇختا كېڭەيتىپ، ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى توپلاش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ بويىچە ھېسابلاش ئىقتىدارى «بىر تور»ىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سانلىق مەلۇماتلارغا بەلگە سېلىش كەسىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يەتكۈزۈش ۋاقتى تېز، چاستوتا بېغى كەڭ، يۇقىرى ئىشەنچلىك تور ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئالاقە تورى غول بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سانائەتتە زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىدە رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپ ئۆزگەرتىش، ئىستېمال سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى قىممەتلىك ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. يېشىل توكنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش، مىكرو ئېلېكتىر تورى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ تىرەكلىك رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، يېشىل كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارى بىلەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ماسلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، تۈر قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھالىتىگە يۈزلەنگەن ئىجادىي پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشىنى قوللاپ، ياسىمىچىلىقتا رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىر تۈركۈم كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلار ۋە كەركىدان كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلىرىنىڭ ئەمەلىي ۋاقىت تەلەپ قىلىنمايدىغان ھېسابلاش ئىقتىدارى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ كۆپ قوبۇل قىلىش كېرەك. سىياسەت ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ۋە مۇھىت ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىلىك كوللېكتىپ ۋە كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت - كارخانا ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى تېز يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىش، كۈچ قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ماس ئالغا سىلجىتىش، قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىستاتىستىكىلاپ باھالاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. بازار بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، پائال نەتىجە يارىتىش بىلەن ھەقىقىي يولغا قويغىلى بولۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، سىياسەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» خىزمىتىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، 2026 - يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يېشىپ چۈشەندۈرۈلدى؛ ئالاقىدار مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، قومۇل شەھىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى؛ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.
جاڭ يىڭچۇن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، پەن شى، خا زېڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.