باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك

2026-04-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك

چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي،ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 7 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە سەپەرۋەر قىلىش - ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ «بىرىنچى باشلىق»لىرىغا قارىتا نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنزە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش بويىچە «بىر ئىش ئورنى قوش مەسئۇلىيەت»نى ئادا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا قويۇپ بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە قاتتىق بولۇش، نازارەتچىلىكتە قاتتىق بولۇش، ئىنتىزام ئىجراسىدا قاتتىق بولۇش، ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇشتا قاتتىق بولۇش، ئىستىلدا قاتتىق بولۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قاتتىق بولۇشنى ئىزچىل تۇتۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇقنى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا تۈزۈم قەپىسىگە سولاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن، قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) شۇجىلىرىنىڭ بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى قوش مەسئۇلىيەت»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئادا قىلىش، تەۋەلىكنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىققەتنى «ئىككىنى قوغداش» تۈپ ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، كونكرېت، دەل جايىدا، دائىملاشقان نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كەنتلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، جىپسىلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىلىشى، ئاممىنىڭ ئەتراپىغىچە ئۇزارتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇپ، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ «بىرىنچى باشلىق»لىرىغا قارىتا نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، بەنزە ئەزالىرى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگانلىرى مەۋقەنى فۇنكسىيەگە قويۇپ، تەشكىللەش، ماسلىشىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇشىغا پائال ماسلىشىپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەت بىلەن نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى تۇتاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇش، ئىزچىل ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە نازارەت قىلىش نەتىجىلىرىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.