ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2026-04-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

رايون مەركىزىي شەھىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، رايون مەركىزىي شەھىرى قۇرۇلۇشى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن بولغان پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك مۇلازىمەت كەسپى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، مەۋقەنى ئاپتونوم رايوننىڭ رايون ئورنى قاتنىشى، كەسىپ ئاساسى، بازار بوشلۇقى قاتارلىقلارغا قويۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، تىرىشىپ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىش، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسپىيلىشىشكە ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ كېڭىيىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان، قولايلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلچەم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت كەسپى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى كۈچەپ زورايتىپ، 1 - قاتاردا تۇرىدىغان مۇلازىمەت ماركىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى شەھەر خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان، دەۋر قىياپىتىگە ئىگە بولغان زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق رايون مەركىزىي شەھەرلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇش كېرەك. شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك يولغا قويۇپ، مائارىپ، داۋالاش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، سودا، ئىستىراھەت، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت، دەپنە ئىشلىرى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ئالدىن تولۇقلاپ، تىرىشىپ پۈتۈن ياشتىكىلەرگە ماس كېلىدىغان دوستانە شەھەر بەرپا قىلىش كېرەك. تەمىناتنى ياخشىلاش، قالدۇقنى تۈگىتىش، ئىستېمال قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى يادرولۇق كۈچ بولۇشتەك سۇپا ئەۋزەللىكى، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە - چوڭقۇر پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېڭى ماتېرىيال، بىيوياسىمىچىلىق قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. زىددىيەت - ماجىرالارنى دائىملىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى بالدۇر بايقاش، كىچىكىدە تۈگىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كان، ئوت مۇداپىئە، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، ساياھەت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئادەم زىچ توپلىشىدىغان سورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئەمگەك ماجىراسى، نېسى قالغان مەبلەغ - ئىش ھەققى قاتارلىقلارنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان يېڭى ئەرزىيەت، زىددىيەت يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.