ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى پىڭدىڭشەن كوچا باشقارمىسىنىڭ خۇيجيايۈەن مەھەللىسى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتىغا كېلىپ، كۈندىلىك يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم بۇ جايدا كۆڭۈل ئېچىۋاتقان ياشانغانلار بىلەن مۇڭداشتى، يېقىنقى ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. ئۇ يەنە مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، «19365» مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ئىسلاھاتى ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. «ئامما كۆپ بېجىرىدىغان ئىشلار قايسىلار؟ قانچىلىك ۋاقىتتا بېجىرىپ بولغىلى بولىدۇ؟» ئەركىن تۇنىياز خىزمەتچى خادىملار، ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرى ۋە خىزمەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ يەنە مەھەللە ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىغا كىرىپ، ساقچى كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، تەۋەلىكتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىش، دائىرىلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىگىلىدى؛ «ئانار دانىسى مۇلازىمەت پونكىتى»دا مەھەللىنىڭ كىتاب ئوقۇپ ھەمبەھرىلەش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى.
ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەھەللە شەھەرنى ئىدارە قىلىشتىكى «ئاخىرقى نېرۋا ئۇچى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ھېسابلىنىدۇ. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش كېرەك. ئەرزىيەت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، «يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇش، سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىش» شەكلى ئارقىلىق، ئاھالىلەرنىڭ باش قېتىنچىلىقى، ئەندىشىسىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە زىددىيەت يوشۇرۇن خەۋپىنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىش كېرەك. مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېز يەتكۈزگۈچى، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى، تور تاكسى شوپۇرى قاتارلىق يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنى شەھەر تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشكە يېتەكلەپ، بەخت تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ئالدىن ھەل قىلىپ، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش مۇلازىمىتى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ «بەخت كۆرسەتكۈچى»نى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەھەللە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى قەتئىي جازالاپ، كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىش قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز «ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇزاكىرە قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش پىكىر يولى ۋە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت ئاممىنى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ئەمىن ئۆيگە ئىگە قىلىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ئاپتوموبىل توختىتىش بايلىقىنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ، دىققەتنى مەھەللە، دوختۇرخانا، مەكتەپ قاتارلىق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشتۈرۈپ قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. شەھەر ئاقىل ئاپتوموبىل توختىتىش سۇپىسى قۇرۇپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، سودا ئەسلىھەلىرى، تۇرالغۇ مەھەللىلىرىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئېلىش، باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا دائىر قائىدە - نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىل توختىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.