ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك مۇلازىمەت كەسپى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، بۇ، يېڭى مۇساپىدە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىلمىي كۆرسەتمە. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇپ، ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش بىلەن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى تەڭ تۇتۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش يۈزلىنىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسپىيلىشىش ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ كېڭىيىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان، قولايلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مۇلازىمەت كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ياسىمىچىلىق ۋە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەنزىرىنى يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
يىغىندا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گىرەلەشمە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، «ئۈچ تۈرلۈك پىلان»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۆپەيتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى نىشانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە ئېچىۋېتىش رىتىمىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسى بىلەن ماس كېلىدىغان كەسىپ تۈرلىرى، فۇنكسىيەلىك سۇپىلارنى رايون ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بۆلەك رايونلار بىلەن تارماقلار ئارىسىدىكى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئارىسىدىكى ماس ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا، «دۆلەت كارخانىلىرىدىكى رەھبىرىي خادىملار كەسىپتە پاك بولۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى رەھبىرىي خادىملارنىڭ ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشى، ھوقۇقنى ئۆلچەملىك ئىشلىتىش، كەسىپتە پاك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرى رەھبىرىي خادىملىرىنىڭ كەسىپتە پاك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ ۋە ئەمەلىي تۇتۇشى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئۆتۈشمە شەكىللىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى رەھبىرىي خادىملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، بۇ ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ساھەسىدىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.